قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆپچىلىككە بۇ ئەڭ گۈزەل يايلاققا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز

2018-05-24 19:29:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 200 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر دائىرىدىكى شىلىنغول يايلىقى، 13- ئەسىردە، دۇنيانىڭ مەركىزى، شۇنداقلا يەنە، ئاسىيا- ياۋرۇپا يايلىقىنىڭ دۆلىتىمىز چىگرىسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قىسمى ئىدى. 200 دىن ئارتۇق قەدىمىي يانار تاغ  شىلىنغول يايلىقىدا قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى ھېلىمۇ ھەم بۇ يايلاقتا راھەت پادىچىلار تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزمەكتە. كۆپچىلىككە بۇ ئەڭ گۈزەل يايلاققا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  ئايرۇپىلان شىلىنخوت ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. چەكسىز كەتكەن يايلاق ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقان ئايرۇپىلان بىردىن پەسكە قاراپ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بۇ يەردە ھېچقانداق ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئىمارەت- قۇرۇلۇشلار يوق ئىدى. قونۇشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا، ئاندىن يايلاق ئوتتۇرىسىغا ياسالغان ئايرۇدرۇم كۆزگە چېلىقتى. بۇ  تەبىئەتكە ئەڭ يېقىنلاشقان ئايرۇدروم ئىدى. ئايرۇپىلان ئىشىكىدىن شۇنداق سىرتقا قەدەم ئالغان ۋاقىتتا، ئوت- چۆپنىڭ تەبىئىي پۇرىقى بىردىنلا دىماققا ئۇرۇلدى.
«موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دا خاتىرىلىنىشىچە، 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، چىڭگىزخان 99 ئاق ئاتنى سۇيۇپ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلغان. 17- ئەسىردە، ئۇجۇمچىن قەبىلىسى ئالتاي تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى پۇتاۋشەن تېغىدىن يولغا چىققان. ئەرلەر ئۇجۇمچىن ئاق ئېتىغا مىنىپ، ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق ئوراپ، خۇددى شېئىرلاردىكىدەك كۆچۈشنى باشلىغان. 500 نەچچە يىللىق ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەر داۋامىدا، ئۇجۇمچىن قەبىلىسى شىنجاڭنىڭ تىيانشان تېغىدىن باشلاپ، بەش قېتىملىق چوڭ كۆچۈش ئېلىپ بېرىپ، جەمئىي 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا شىلىنغولنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۇ ۋە ئوت چۆپلىرى مول بۇ گۆھەر زېمىننى تاللاپ ئولتۇراقلاشقان.
كۆز يەتكۈسىز بىپايان يايلاقتىن باشقا، شىلىنغول يەنە ئۆزگىچە يەر شەكلىگە ئىگە. بۇ يەردە خۇددىي ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولىدا ياساپ چىقىلغاندەك تەبىئەتنىڭ قالتىس ئەسىرى بولغان-- بادىر تاش ئورمانلىقى بار. بۇ جاي يايلاقتىكى يارداڭ يەر شەكلى دەپ ئاتىلىدۇ. يارداڭ يەر شەكلى نەچچە مىليون يىللار مابەينىدە، بوران ۋە قۇمنىڭ ئورتاق تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئالاھىدە يەر شەكلى مەنزىرىسى بولۇپ، دەريا- كۆللەرنىڭ چۆكۈشىدىن پەيدا بولغان. شامال ۋە بوران، ئېقىن سۇلارنىڭ يالىشى ۋە شامالنىڭ يىمىرىش رولىنىڭ تەسىرىدە، شەكىللىنىش ۋە شامال يۈنىلىشى تەڭپۇڭ بولۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن. چەكسىز كەتكەن بىپايان يايلاقتا، چوڭ- چوڭ، قاتمۇ- قات بادېر تاغ ئورمانلىقلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بادىر تەبىئىي تاش ئويما توپىنىڭ شەرق- غەرب ئارلىقى 8 كىلومېتىر، جەنۇب- شىمال ئارلىقى 5 كىلومېتىر بولۇپ، سانسىزلىغان تاش ئويما توپلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى، يوغان- يوغان تاش تۆۋرۈكلەر تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، يېقىن بېرىپ قارىسىڭىز، بۇ تاش ئورمانلار يەر يۈزىدە بىر پۈتۈن گەۋدە بولماستىن، بەلكى ئۈستى- ئۈستىلەپ تىزىلغان نانغا ئوخشاش، بەزىلىرى چوڭ، بەزىلىرى كىچىك، بەزىلىرى تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ، كىشىگە بىر خىل زەبەردەست تۇيغۇ بېرىدۇ. بەزىلىرى ئەۋرىشىم كۆرۈنىدىغان بولۇپ، كىشىگە بىر خىل گۈزەل، جەلپ قىلارلىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.
ھەربىر تاش تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقى 5 مېتىردىن 7 مېتىرغىچە كېلىدۇ. مىليون يىللار مابەينىدە شەكىللەنگەن بۇ ئاجايىپ مەنزىرىگە قاراپ، تەبىئەتنىڭ سىرلىق مۆجىزىلىرىگە قول قويماي تۇرالمايسىز. ھازىرقى تاش ئورماننىڭ مەنزىرىسى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولۇپ، ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر خۇددى يېكەندازغا ئوخشايدۇ. تەبىئىي تاش ئورمانلارنىڭ شەكلى غەلىتە بولۇپ، كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. تاش ئورمان ھەيۋەتلىك، كۆركەم، گۈزەل، سىرلىق بولغاندىن باشقا، ئوتلاق مەنزىرىسىمۇ كىشىنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلىدۇ. بۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. كىشىنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىدىغىنى، بۇ يەردە بايقالغان سىزىقلىرى ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك ھەر خىل قىيا تاش رەسىملىرى ۋە يېزىقلار بار. قىيا تاش رەسىملىرى ئەتراپىدا ئالتە بۇلاق بار. يەنە توختىماي سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق بولۇپ، قىشتا قويۇق تۇمان بولسىمۇ يەنىلا ئېقىپ تۇرىدىغان ناھايىتى غەلىتە ئېقىن سۇ بار.
  بۇ يەردە سىز يەنە يايلاقتىكى ئەڭ گۈزەل يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرەلەيسىز.
 بىر يىل ئىچىدە، ياز ۋە قىش پەسلىدە  يۇلتۇزنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرگەن ماقال- تەمسىللەردىن ئاستىرونومىيەگە ئائىت ئىككىسى بار. بىرسىدە، قىشتىكى ئۈچ يۇلتۇز، يەنى، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى يولىدىكى ئۈچ يورۇق يۇلتۇز؛ يەنە بىرى يازدىكى گالاكتىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ دەل پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىزنىڭ رىۋايىتى. ھازىر شەھەرلەردە قىش پەسلىدە گاھىدا ئۈچ يۇلتۇزنى كۆرۈپ قالىمىز. ئەمما، يازدىكى گالاكتىكا يۇلتۇزىنى كۆرەلىشىمىز تەس. گالاكتىكا يۇلتۇزىنى كۆرەلمەسلىكىمىزدىكى سەۋەبنى نۇرغۇن كىشىلەر مۇھىت بولغانغانلىقتىن بولغان دەپ قاراپ، بۇلغانغان ھاۋا يۇلتۇزلارنى توسۇۋالغان، دەپ ئاغرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە گالاكتىكا يۇلتۇزىنى توسۇۋېلىشى پەقەت مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن بولماستىن، شەھەرلەردىكى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان چىراقلارنىڭ بولغانلىقىدا. يەنى، بىز دائىم ئېيتىدىغان نۇر ئارقىلىق بۇلغىنىش. ئادەتتە، ئاسمان قانچە قاراڭغۇ بولسا، ھاۋانىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى شۇنچە ياخشى بولۇپ، يۇلتۇزلارمۇ شۇنچە يورۇق كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىككى نۇقتىنى نۇرغۇن جايلاردا ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، «گۈزەل ۋە نۇرلۇق يۇلتۇز» نى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە ناھايىتى ياخشى ئاتموسفېرا مۇھىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاتموسفېرا ئېقىمى تۇراقلىق بولغاندا، كۆز ئارقىلىق ئېنىق ۋە جانلىق سۈرەتلەرنى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بادىر تاش ئورمانلىقىدا بولسا، بۇ شارائىتلارنىڭ ھەممىسى ھازىرلانغان، بىز بۇ يەردە ئەڭ چىرايلىق يۇلتۇزلار كۆرۈپ ھوزۇرلىنالايمىز. ئوت- چۆپلەر يېشىللىشىپ، يەنە سارغايدى، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، يەنە تۆكۈلدى. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۆزگەرمەكتە. ئۇلار تەبىئەت ئىنسانلارغا قالدۇرغان مەڭگۈلۈك ئەسەر ۋە مەڭگۈ يەشكىلى بولمايدىغان سىر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى