قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون «خەلققە قولاي بولۇش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش» مۇلازىمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش» ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇردى

2018-05-25 17:00:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتقا ئائىت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن،5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاپتونوم رايون بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قانات يايدۇرغان «بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش» ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار تەدبىر ۋە خەلىققە قۇلايلىق يارىتىش ھەمدە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئائىت تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج ئىشلىرى، تاموژنا قاتارلىق تارماقلار «بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش» قا ئائىت بىرىنچى تۈركۈم ئىشلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. 
«بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش»- ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىش بېجىرىش داۋامىدا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق، قانۇندا بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇش شەرتىدە، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىشتىن بېجىرىش نەتىجىسى شەكىللەنگىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىش بېجىرىشكە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. 
ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئامما ۋە كارخانىلارغا يۈزلەنگەن «بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش» قا ئائىت تۇنجى تۈركۈمدىكى 84 تۈرلۈك مۇلازىمەت تۈرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئاساسلىقى نوپۇس، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى بېجىرىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە شوپۇرلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر فەن لىشىن مۇنداق دېدى: چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى يېڭى تىپتىكى تېخنىكىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسىدا، ئالاقە تورى جەھەتتىكى قۇلايلىق شارائىت، چىراي ۋە ئاۋازنى پەرق ئېتىشتىن ئىبارەت تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، پۇقرالىرىمىزنىڭ سالاھىيىتىنى پەرق ئېتىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ تور ئارقىلىقلا ئىشىنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.    
خەلقئارا سودىدىكى «يەككە كۆزنەك» قۇرۇلۇشى تاموژنىنىڭ «بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش» ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلاتىنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش، مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «يەككە كۆزنەك» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت سۇپىسىدا بىر كۇنۇپكىنى بېسىشى ئارقىلىقلا ئۆلچەملەشتۈرۈش تالونى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرىنى بىرلا قېتىمدا تاپشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى «يەككە كۆزنەك» ئارقىلىق مەلۇم قىلغۇچىغا ئىنكاس قىلىشنى نىشان قىلىپ، مەلۇم قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئۆمەر مۇنداق دېدى: كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا بىز «يەككە كۆزنەك» نىڭ قوللىنىلىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن «يەككە كۆزنەك» ئارقىلىق تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تىزىملىكىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %70 دىن ئاشۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇقلۇق پورتى «يەككە كۆزنەك» بويىچە كۆپەيتىشكە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر، قۇلاي ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتۈش مۇھىتى ۋە سودا مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. 
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون بويىچە باج تارماقلىرى مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باج بېجىرىش ئىشلىرى بويىچە «بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھېسابات دوكلاتى، تالون، مەلۇم قىلىش، ئەنگە ئېلىش، ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈرنىڭ 118 تۈرلۈك باج بېجىرىش ئىشلىرى ھەمدە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىدىغان، دائىم قوللىنىلىدىغان بارلىق كەسپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى. ھازىر سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان «بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش ئىشلىرى» 15 چوڭ تۈردىكى 77 تۈرگە يەتتىبۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز قاراماي، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخو ۋە ئاقسۇ شەھىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم بەلگىلىك ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلىغان شەھەرلەرنى سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان رايون؛ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرى ئېنىق تەلەپ قويغان تارماقلارنى سىناق لىنىيەسى قىلىپ، ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىدە «بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش» قا ئائىت بىر تۈركۈم ئىشلارنى رەتلەپ، «ئالاقە تورى بىلەن مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپەيتىشكە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ تەجرىبىلەرنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ئاساسلىق مەمۇرىي تارماقلاردا كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى شاڭ يۇ مۇنداق دېدى: ئامما باھالاش، جەمئىيەت نازاراتچىلىكى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە 3- تەرەپ باھالاش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، يولغا قويۇش ئۈنۈمى، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىگە قارىتا ئىلمىي باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى