قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى

2018-05-25 17:01:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئىلى ئوبلاستتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتتى.
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى، 5- نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىرلەشمە تەكلىپ قىلىش ئەتىيازلىق مەخسۇس پائالىيىتى بويىچە ئىلى بىكىتى خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئىلى ئوبلاستلىق ئادەم بايلىقى بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى 101 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ پائالىيەتنى 5 مىڭ 600 تىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇلتۇر شىنجاڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن گۈلزىرە ئابلەت بۇ نۆۋەتلىك خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدىكى نۇرغۇن ئىش ئورنى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كاسسىرلىقنى تاللىدىم، مەن ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستتى ھەر يىلى 400 قېتىمدىن ئارتۇق يېزا- كەنتلەر، مەكتەپلەر، باغچا رايونى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر بويىچە مەخسۇس خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
نۆۋەتتە، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. ئىلى ئوبلاستى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە بىر تەرەپتىن سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇردى. ئىلى ئوبلاستى يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر باغچىدا كۆپ رايون بولۇش ئەندىزىسى بويىچە ئىلى (جياڭسۇ) توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپى باغچىسىنى قۇردى. ھازىر، شىنجاڭغا كەسپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى 173 كە يېتىپ، بۇنىڭغا سېلىنغان مەبلەغ 79 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 26 مىڭ 300 تىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يېزا تۆۋەنكى ئونيار كەنتى ئاھالىسى دىلخۇمار غەنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئۆي ئايالىدىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ يېڭى ئىش ئورنىغا كەلگىنىمگە بەش ئاي بولاي دېدى. بۇ يەردىكى خىزمەتداشلار ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. مېنىڭ ھازىر ئايلىق كىرىمىم 2 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئائىلەمگە بولغان ياردىمى بەكلا چوڭ بولدى. بۇ يەرنىڭ تاماق شارائىتىمۇ بەك ياخشى. مەن ئەتراپىمدىكى ماڭا ئوخشاش ئاچا- سىڭىللارنىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، كارخانىمىز چوقۇم بارغانسېرى روناق تاپىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلى ئوبلاستتى يەنە دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئائىت سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ئاھالە شۈ لىپىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 30 مىڭ يۈەنلىك ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ، موڭغۇلكۈرە بازىرىدا بالىلار سۇ ئۈزۈش ئورنى ئاچتى. ھازىر ئۇنىڭ بۇ سۇ ئۈزۈش ئورنىنىڭ سودىسى ناھايىتى روناق تاپتى. شۈ لىپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ 30 مىڭ يۈەنلىك ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىنىڭ سۇ ئۈزۈش ئورنى ئېچىشىمغا بولغان ياردىمى بەكلا چوڭ بولدى، ھازىر بۇ سۇ ئۈزۈش ئورنۇمنىڭ سودىسى ناھايىتى روناق تېپىۋاتىدۇ. ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولغاچقا، تۇرمۇشۇممۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ھەمدە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمغا مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەھەر- بازارلىرىدا 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، تۈرلۈك خادىملاردىن 238 مىڭ كىشى تەربىيەلەندى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 628 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە ئەمگەك- مۇلازىمەت كىرىمى 16 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يەتتى.
تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى