قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نەمۇنىلىك ئاياللار باشلامچىسى- شياڭ جىڭيۈ

2018-05-25 17:20:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شياڭ جىڭيۈ، ئەسلى ئىسمى شياڭ جۈنشەن،1895- يىلى9- ئايدا شۈپۇ ناھىيە بازىرىدىكى ھاللىق سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.  1912- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، خۇنەن ئۆلكىلىك1- قىزلار پېداگوگىكا مەكتىپىگە كىرگەن.
1916- يىلى يازدا، شياڭ جىڭيۈ جۇنەن قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، شۈپۇ ناھىيەسىگە قايتىپ ئوغۇل، قىزلار ئورتاق قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭى تىپتىكى مەكتەپ--- شۈپۇ ناھىيەلىك قىزلار بىلىم يۇرتىنى ئاچقان.    
1919- يىلى كۈزدە، شياڭ جىڭيۈ ماۋ زېدۇڭ، سەي خېسېن قاتارلىقلار قۇرغان ئىنقىلابىي تەشكىلات «يېڭى خەلق ئىلمىي جەمئىيىتى» گە قاتناشقان. شۇ يىلى 10- ئايدا، سەي چاڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە خۇنەن قىزلىرىنىڭ فىرانسىيەدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، خۇنەن قىزلىرى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىجادچىسى بولۇپ قىلغان. شۇ يىلى 12- ئايدا، شياڭ جىڭيۈ سەي خېسېن بىلەن بىرلىكتە فرانسىيەگە بېرىپ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان. ئورتاق غايە ۋە ئېتىقاد سەۋەبىدىن شياڭ جىڭيۈ بىلەن سەي خېسېن ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت پەيدا بولۇپ،1920- يىلى فرانسىيەدە توي قىلغان.
1922- يىلىنىڭ بېشىدا، شياڭ جىڭيۈ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پارتىيەگە كىرىش رەسمىيىتىنى رەسمىي بېجىرىپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ بالدۇرقى پىرولېتارىيات ئاياللار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشقا باشلىغان. 1925- يىلى5- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان ھەمدە4- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلانغان.
« 30- ماي» قانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شياڭ جىڭيۈ شاڭخەي ئاياللىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىگە قاتناشقان.
1925-يىلى10- ئايدا، شياڭ جىڭيۈ موسكۋاغا بېرىپ شەرق ئەمگەكچىلەر كوممۇنىزم داشۆسىدە ئوقۇغان1927- يىلى4- ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەنكۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ كۆپ قىسىم رەھبىرىي يولداشلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يۆتكىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما شياڭ جىڭيۈ ۋۇخەندە قېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، يەر ئاستى كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.
1928- يىلى3- ئاينىڭ20- كۈنى، خائىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن شياڭ جىڭيۈ بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان.
گومىنداڭ يېڭى مىلىتارىستلىرى5- ئاينىڭ1- كۈنى، يەنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان. شۇ چاغدا ئۇ 33 ياشتا ئىدى.
تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى