قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار سانى 15 مىليوندىن ئاشتى

2018-05-25 19:03:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار ئومۇمىي سانى 15 مىليوندىن ئېشىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېزا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ يارقىن نوقتىسىغا ئايلاندى. 
يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنستىرلىقى يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، مەملىكەت بويىچە 792 نامرات ناھىيەدە يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتەك تەربىيەلەش پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىلەرگە مايىللاشقان يېتەكچى كەسىپ ۋە ئۆزگىچە كەسىپ مەخسۇس تۈرى بويىچە تېخنىكىلىق تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 540 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 234 مىڭ دېھقاننى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇردى.
تۇنۇشتۇرلىشىچە، بۇ يىل مەركەز مالىيەسى پائال تۈردە تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىدىن 2 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئوخشاش بولمىغان قاتلاملارنىڭ ئىقتىساسلىقلار ئېھتىياجى بويىچە، قاتلام بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ 1 مىليوندىن كۆپرەك يېڭىچە كەسپىي دېھقاننى تەربىيەلەيدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى