قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى تىجارىتى مۇرەككەپرەك، شۇغۇللانغۇچىلار ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن- قائىدىلەرنى ئېنىق بىلىۋېلىشى كېرەك

2018-05-25 20:20:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى گۈللىنىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى. ئەمما، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى تۈرلىرى مۇرەككەپرەك، يەنە كېلىپ زور كۆپ سانلىق كىشىلەر ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن- قائىدىلەرنى ئېنىق بىلمىگەنلىكتىن، زىيان تارتىدىغان ئىشلار كۆرۈلمەكتە.
ھەر يىللىق مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، مەخسۇسلاشتۇرۇشقا مايىللىشىۋاتقاچقا، ھۆكۈمەتنىڭ زور سوممىلىق تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى يېزا ئىگىلىكىنى دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىشقا سېلىنماقتا.
  كىشىلەر نەزىرىنىڭ بىراقلا يېزا ئىگىلىكىگە ئاغدۇرۇلۇشى، پۇل تاپىدىغان تۈرلەرنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ، ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ، كۆپرەك پايدا يارىتىش قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغاندا زادى نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟ بىرىنچى، يەر جەھەتتىكى چەكلىمىنى چۈشىنىش لازىم.
  ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىدە ئۆينى سېلىۋېلىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، يەر كۆلىمى، ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ خاراكتېرى، ھەتتا ۋاقتىغىچە ھەممىسىدە بەلگىلىمە، تەلەپ بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى باغچىسى ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون مودىن نەچچە يۈز موغىچە، كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭ مودىن نەچچە ئون مىڭ موغىچە يەرگە قۇرۇلىدىغان بولغاچقا، شۇغۇللانغۇچى ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك يەرگە ئىھتىياجلىقلىقىنى ئېنىق بېلىشى؛ ئاندىن شۇ يەرنىڭ خاراكتېرىنى، پىلانغا ئۇيغۇن كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقى، قۇرۇلۇش قىلىشقا بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. بۇ ئادەتتە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
  مەسىلەن: ئىشلىتىش مەقسىتى دېگەندە تېرىلغۇ يەر ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەرلەردە، ئەگەر ئىستىراھەت كەنتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان جايلار قۇرۇلۇپ تىجارەت قىلماقچى بولسا، چوقۇم يەر ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئەگەر ئۆزىنىڭ يېرىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلۇش قىلغان بولسا ياكى ساياھەت ئورنى ئاچماقچى بولسا ئۇنداقتا ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىدۇ.
تىجارەت دائىرىسى ئېنىق بەلگىلەنگەن شىركەت باش بولۇپ تىجارەت قىلماقچى بولسا، يەر ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشتىن تارتىپ، ھەر خىل پىلانلىرىغىچە تەستىقلاتقاندا، شۇ شىركەتكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.
  شۇڭا، دېھقانلار چوقۇم قانۇن- قائىدىلەرنى بىلىشى، يەر ئېلىش جەريانىدا بىرى پۇل تېجەشنى، يەنە بىرى بىخەتەرلىك ئامىلنى ئويلىشى لازىم. ئالماقچى بولغان يەرنىڭ قايسى بۆلىكى قىزىل سىزىق ئىچىدە دېگەنگە دىققەت قىلىپ، يەرنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق ئايرىش، ئەگەر ئۆتۈنۈپ بەرگەن يەر ئاساسىي ئېتىز بولسا، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلەتسە بولمايدۇ- ئەلۋەتتە.      بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسىراش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەردىكى قانۇن- قائىدىلەرنى بىلىۋېلىڭ ھەم تەستىقلىتىڭ.
 ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، مۇھىت ئاسىراش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىكى قانۇن- قائىدىلەرگە رىئايە قىلىڭ. ناۋادا ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى باغچىڭىزنىڭ ئادرىسى ئورمانچىلىق رايونى، مۇھىم سۇ ئامبىرى، توپلانما سۇ رايونى، تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن سۇ- تۇپراقنى ساقلاش رايونى، ياۋايى ھايۋانلار مۇھاپىزەت رايونى ياكى دېڭىز بويىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىق مۇھىم رايونلاردا بولسا ياكى يۇقارقىلارغا ئالاقىدار بولسا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ئىش بېجىرىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا ئىستىراھەت ئورنى ئاچقۇچىلارنىڭ مۇھىت بىلەن قىلچە ھېساپلاشماستىن كونتىرولسىز ھالدا ئېچىپ پايدىلىنىشى چەكلىنىدۇ.
ئارامگاھ ئاچقۇچىلاردا يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى، يېمەك- ئىچىمەك مەيدانلىرى پەيدا قىلغان بۇس، كېرەكسىز گاز، يۇندا، شاۋقۇن- سۈرەن، تاشلاندۇق نەرسىلەر دېگەندەكلەردىن تارتىپ، يېمەكلىك تازىلىقى ئىجازەتنامىسى ۋە مۇھىت باھالاش ياكى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىغىچە بولغانلارنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.
ئامما قونىدىغان ياتاقلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ساھەلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش، يەنە باقمىچىلىق تۈرىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ پاسكىنا سۇلىرىنى، تاشلاندۇق ئەخلەتلىرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ يېمەك- ئىچمەك، ياتاق تۈزۈملىرى، تازىلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، مۇھىت باھالاش ياكى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىقلاردا تەلەپ بويىچە تەستىقلىتىش؛ ئۇنىڭدىن باشقا قورۇقلاردىن چىققان كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا باغچا رايونى ئەتراپىغا خالىغانچە دۆۋىلەپ قويۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىتىقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك لازىم.  ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن- قائىدىلەرنى ئىگىلەپ، مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى