قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  جىيارۇڭ زاڭزۇ تىياتىرى

2018-05-25 20:28:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇچىسىغا ساۋۇت ۋە گارمون يوپكا كىيىپ پىچاق كۆتۈرۈۋالغان جىيارۇڭ ئەزىمىتى دۇمباقنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىغا ئەگىشىپ زالغا كىردى. ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە سەكرەپ ئوينايدىغان ئۇسۇلى، باتۇر، مەردانە لاتاپىتىنى نامايەن قىلدى. بۇ دەل جىيارۇڭ زاڭزۇ تىياتىرىنىڭ «خاما» ئۇسسۇلى. بۇ ئۇسسۇل جىيارۇڭ زاڭزۇ رايونىغا كەڭ تارقالغان ئەل ئىچى نەزىر- چىراغ ئۇسسۇلى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قۇد تىلەكلىرى ئىپادىلەنگەن. زاڭزۇ تىياتىرى زاڭزۇ رايونىدىكى ئومۇميۈزلۈك كەڭ تارقالغان تىياتىر بولۇپ، زاڭزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تىرىك تاشقاتمىسى دەپ ئاتالغان، 2006- يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
جىيارۇڭ زاڭزۇ تىياتىرى پۇقرالارنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان سەنئىتى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇنىڭدا ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي تىياتىرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكى ساقلانغان. جىنچۈەن ناھىيەسىنىڭ ئەننىڭ چارۋىچىلىق كەنتىدەك پەقەت 228 ئادەملا بار ئېگىزلىكتىكى قارلىق كەنتتە، ئاساسەن ھەممە كىشى دېگۈدەك زاڭزۇ تىياتىرىنى بىلىدۇ، بۇ يەردىكى ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋارىسى. كۈچلۈك دۇمباق ئاۋازىدىن ھەممە جاي تىترەيدۇ؛ ماڭتۇڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇرغىنىڭ ئاۋازى تاغلار ئارا چۆرگىلەپ كىشى قەلبىنى تىترىتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى