قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 گوجۇاڭ ئۇسسۇلى

2018-05-25 20:29:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دادۇخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان ئېگىز تاغ جىلغا رايونىدىكى «مار» لىقلار،  ئەمگەكتىن كېيىن قانغۇچە ئويناپ، ناخشا- ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۆز ئىدىيە ۋە ھېسياتىنى ئىپادىلەيدۇ. مىڭ يىلدىن بۇيانقى پىششىقلاپ ئىشلىنىش، تاۋلىنىش ئارقىلىق مول رېتىملىق «مائېرگوجۇاڭ» ئۇسسۇلى شەكىللەنگەن. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا زاڭزۇ- چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىنچۈەن ناھىيەسىنىڭ مانەي گوجۇاڭ ئۇسسۇلى، 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
جىيارۇڭ زاڭزۇ تىلىدا گوجۇاڭ دېگەن سۆز ئۇسسۇل ئويناش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇسسۇلنىڭ سۈرئىتى ئاستا، جۇشقۇن بولۇپ، قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادەت پۇرىقىغا ئىگە. چوڭ گوجۇاڭ ئويۇنى مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى، باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئورۇنداش قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇ ئۇسسۇل مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ بىر خىل قەدىمىي ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان سەنئەت. بۇ ئۇسسۇلنىڭ كىيىم- كىچىكى ناھايىتى ئۆزگىچە، ئاياللار تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ئاياللار كۆپىنچە باش ياغلىقىنى ماسلاشتۇرىدۇ، ياغلىقىغا ھەر خىل رەڭلىك رەسىملەر، قۇت رەسىملىرى، گۈل- گىياھ ۋە ھايۋاناتلارنى كەشتىلەيدىغان بولۇپ ئىنتايىن چىرايلىق. مارلار قەلبىدە گوجۇاڭ ئۇسسۇلى بىر خىل تەنتەنىلىك يىغىلىش بولۇپ، چىرايلىق كىىيملەرنى كىيىم گوجۇاڭ ئۇسسۇلىنى ئويناش خاسلىق، كۈچ ۋە گۈزەللىكنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 سەمىمىي ئەسكەرتىش: جىنچۈەن چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىگە، ئابا ئوبلاستىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان، ئۆلكە مەركىزى چېڭدۇ بىلەن ئارلىقى 487 كلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي ماركاڭدىن 92 كىلومېتىر يىراقلىقتا.
نەشپۈت چېچىكى تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت: 3- ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 4- ئاينىڭ بېشىغىچە.
    شۇ جايدىكى ھەر قايسى چوڭ بايراملاردا جىيارۇڭ زاڭزۇ تىياتىرى ۋە مائېرگوجۇاڭ ئۇسسۇلى ئوينىلىدۇ.
3- ئايدىن 5- ئايغىچە ھەممە يەردە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، جىنچۈەن ئەڭ گۈزەل پەسىلگە قەدەم قۇيىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى ئۆتكۈزىلىدىغان چىڭنىڭ كەنتى تىنىچ، كىچىك كەنت. بۇ يەردە سىز زاڭزۇ تىياتىرى بىلەن گوجۇاڭ ئۇسسۇلىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، گۈللەرنى سەيلە قىلسىڭىز بولىدۇ.
  قارلىق تاغلارنى پەردە قىلىپ، كەنتلەرنى سەھنە قىلىپ، مىڭ يىلدىن بېرى مەخپىي ساقلانغان زاڭزۇ تىياتىرى بىلەن گوجۇاڭ ئۇسسۇلى ھازىر ئاستا- ئاستا سەھنىگە چىقىۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى