قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى

2018-05-26 17:21:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
   پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ- ئەڭ زور بايلىق» دېگەن مەزمۇننىڭ پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ،  «ئىكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش»، «گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، مۇھىت قوغداشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش »تا نەتىجە ھاسىل قىلماقتا.
   قۇتۇبى ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق چېن شۈ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا: بىز 2001- يىلىدىن باشلاپ كۆچەت تىكتۇق، دەسلەپتە 16 مو يەرگە كۆچەت تىككەن بولساق، ھازىر مىڭ مو يەرگە كېڭەيدى، كۆچەتلىكنى بىزنىڭ يېشىل بانكىمىز، دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.
     قۇتۇبى ناھىيەسىدە چىن شۈغا ئوخشاش كۆچەت ئۆستۈرۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 80 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى. نۆۋەتتە، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ كۆچەت، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %26 ىنى ئىگىلىدى. قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش كەسپى ئېلىپ كەلگەن يېشىل پاراۋانلىققا تايىنىپ، ئىستىراھەت ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ئەرشىلىدەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇرشىدەم ئەر- ئايال ئىككەيلەن دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدىن بىرنى ئاچتى. گۈللەردىن ھوزۇرلىنىش ۋە ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى روناق تاپتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەت، ھۆكۈمەت بىز ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، يول ياساپ، تۇرۇبا سۈيى ئورناتتى ۋە پاسكىنا سۇ چىقىرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى. مۇھىتىمىز كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. كەنتىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، تىجارىتىمىز كۈنسىرى جانلىنىۋاتىدۇ.
    ئالتاي شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەبىئىي مۇھىتى ئەڭ ياخشى رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش» كۆز قارىشى ئاللىقاچان كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى. ھازىرغا قەدەر، ئالتاي شەھىرى جەمئىي 290 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى 24 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى تاماملىدى. 2020- يىلىغا بارغاندا، ئالتاي شەھىرى شەھەر ئەتراپىدىكى 116 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، شەھەر رايونىدىكى كۆرۈش دائىرىسى 150 مىڭ مو قاقاس تاغلىققا يېشىل لىباس كىيدۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش بەخت كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى لى چىلوڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئەڭ ياخشى، خۇددىي باغچىدا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز، بۇ يەردە شۇنچە بەختلىك ياشاۋاتىمىز.
   شايار ناھىيەسىنىڭ گەز قۇم يېزىسى قۇمبوستان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تەن ۋېنجۈن ئېتىزلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: قاراڭ بۇ مايسىلارغا، شۇنداق ياخشى ئاينىپتۇ، مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قۇم- بوران كۆپ چاغلاردا، سۇلياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبىغىنى شامال ئۇچۇرتۇپ كېتەتتى، بىر يىلى شامال چىقىپ 60 مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەردىكى سولياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبىغىنى ئۇچۇرتۇپ كەتكەچكە، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان ئىدى.
    جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە كىلىماتنىڭ تەسىرى تۈپەيلى ئۇزۇندىن بۇيان شايار ناھىيەسىدە بوران كۆپ چىقاتتى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىمۇ قىيىن ئىدى. لېكىن شايار ناھىيەسى ناچار مۇھىتقا بويسۇنماي، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىدى. تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە، شايار ناھىيەسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، 9 ئېكولوگىيىلىك چۈشۈرگە ۋە 104 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ يەتكۈزۈش توغىنى ياساپ ئىشقا كىرىشتۈردى، ناھىيە بويىچە ئورمان، ئوت- چۆپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئورمان بايلىقى ئومۇمىي كۆلىمى 5 مىليون 160 مىڭ موغا يېتىپ، نۇرغۇن دېھقان يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېرىلغۇدىن بوشىتىلغان يەرلىرىنى ئورمانغا قايتۇرۇش قوشۇنىغا قېتىلىشنى تەلەپ قىلدى. كەنت ئاھالىسى سەمەت داۋۇت مۇنداق دېدى: بىز ياڭاقزارلىق بەرپا قىلدۇق. بۇنداق قىلساق قۇم- بوراننى توساپ قېلىپلا قالماستىن يەنە، ياڭاقتىن كىرىم قىلغىلى بۇلىدۇ، كېۋەزلىك ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، پەقەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەگەشسەكلا، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى