قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆلۈم ئالدىدا تېز پۈكمەي يۈخۇاتەيدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان شى يەنفىن

2018-05-26 17:25:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  شى يەنفېن 1903- يىلى 3- ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يىشىڭدا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ «4- ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ قاينىمىغا ئاتلانغان. 1927- يىلى باھاردا، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى يىشىڭغا يېتىپ كەلگەن، شى يەنفېن ماركسىزم ئىدىيەسىنى قۇبۇل قىلىپ، تەدرىجىي كوممۇنىزم ئېتىقادىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ، دېھقانلار جەمئىيىتىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، مۇشتۇمزورلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. داغدۇغىلىق ئىنقىلابىي كۈرەش داۋامىدا، شى يەنفېن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلنىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يىشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
     بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى كوممونىستلارنى قىرغىن قىلغان. ئاق تېررورلۇق قاپلىغان بۇ دەۋىردە، شى يەنفېن يىشىڭدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، داغدۇغىلىق ھالدا «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش»، «دېھقانلارنىڭ مەھەللىۋى ئوغۇت ئىئانە قىلىشى» ۋە «10- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى گومىنداڭ پىرقىسى ھاكىمنى قوغلاپ چىقىرىش» تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەتنى تەشكىللىگەن ھەمدە رەھبەرلىك قىلغان.
  1927- يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى جياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا ئىلىنى زىلزىلىگە سالغان يىشىڭ دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتقان. شى يەنفېن بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدا مۇئاۋىن باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. يىشىڭ دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، شى يەنفېن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى 12- ئايدا، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ 1- قۇرۇلتىيىدا، شى يەنفېن جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى نەنجىڭ شەھەرلىك كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.
  1928- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، شى يەنفېن خائىننىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، نەنجىڭ يۈخۇاتەيدە 25 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى