قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان لى بياۋ

2018-05-26 17:27:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
38 ياشلىق لى بياۋ ھەربىي سەپكە كىرگەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، چېگرادىن كىرگەن ۋە چىققان يولۇچىلار شۇنداقلا تاشقى سودا كارخانىلىرى ئۈچۈن قىزغىن، سەمىمىي، مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن خىزمەت قىلىپ، مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغان بىر ئادەتتىكى ئەسكەردىن تەدرىجىي قورغاس چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولۇپ، ۋەتەننىڭ چوڭ دەرۋازىسىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن بۇشاشماي كۈرەش قىلدى.
لى بياۋ 18 يېشىدا ھەربىي سەپكە كىرىپ، قورغاس چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئۆتىدى. «تەكشۈرۈش، چېگرادىن ئۆتۈشكە روخسەت قىلىش» لى بياۋنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى بولۇپ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان لى بياۋ «ئەستايىدىل بولۇش»نى باشتىن- ئاخىر خىزمەت ئۆلچىمى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قاراشتا بىر ئاددىي خىزمەت ياكى بىر ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئەستايىدىل بولسىڭىزلا، سىز ئۇنىڭدىن نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بايقايسىز.
 بۇ خىزمەت باشقىلارنىڭ نەزىرىدە زېرىكىشلىك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن لى بياۋ ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان تىل، ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش داۋامىدا، 10 نەچچە دۆلەتنىڭ بەزى ئادەتتىكى سۆزلىرىنى ئۆگەندى ھەمدە بىر قاراپلا يولۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە تېز سۈرئەتتە توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. يەنە ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تايىنىپ، شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن پاسپورت، گۇۋاھنامىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنتۇپ قالمايتتى.
2005-يىلى 7- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئۈرۈمچىلىك بىر سودىگەر ئاپتوموبىلدىن بىرنى كۆتىرە ئېلىپ كېچىلەپ قورغاس چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كېلىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان لى بياۋغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مال پۇلىنى باشقىلارنىڭ ئالداپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. لى بياۋ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاڭلاپ بۇ سودىگەرنى ئېسىگە ئالدى ھەمدە تاموژنىدىن ئۆتكەن ۋاقتىغا ئاساسەن، بۇ ئادەمنىڭ چېگرا تەكشۈرۈش رايونىدىن ئۆتۈپ، ئاپتوموبىل ساقلاۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، بىر تەرەپتىن يۇقىرىغا دوكلات قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى دەرھال تۇتۇپ قېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرقى پەيتتە، ئۈرۈمچىلىك بۇ سودىگەرنىڭ زور ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرىۋېلىندى. لى بياۋ مۇنداق دېدى: بۇ ئىشتىن شۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، قارىماققا بىر ئاددىي ئىش ئورنىدەك تۇرسىمۇ، بىز ئادەتتىكى كىچىك ئىشلارغىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇ يولۇچىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرىۋالدۇق. بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بايقىدۇق ھەم قىممىتىمىزنى نامايەن قىلدۇق.
بۈگۈنكى كۈندە، رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان لى بياۋ ھەربىي سەپكە كىرگەن چاغدىكى ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئۇنى ئۈندىدارىدا ئۆزىنىڭ ئىمزاسى قىلىپ يازدى، ئۇ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ياش جەڭچىلەرنى ساداقەتمەنلىك، دادىل، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن داۋاملىق دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى قوغداشقا يېتەكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق، قورغاسنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى بولدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن كۆرەش قىلىمەن، مەن پەخىرلىنىمەن، مەن بەختلىكمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى