قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇردى

2018-05-27 17:07:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
     پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    يېقىندا قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شاخاپ يېزا چىۋا كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەلى ئۆمەرنىڭ 15 مو يېرىدىكى ياڭاقلار مېۋىلىدى. كەنتتىكى ياڭاق ۋاستىچىسى مەخمۇت ئەلى ئۇنىڭ بىلەن ياڭاقلىرىنى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى. ئەلى ئۆمەر مۇنداق دېدى:- بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى مەخمۇت ئەلى پۈتۈن ياڭاقلىرىمنى سېتىۋالىدىغان بولدى. مەن مۆلچەرىمچە 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن. ھازىر مەن پەقەت ياڭاق دەرەخلىرىمنى ياخشى پەرۋىش قىلساملا بولىدۇ، ياڭاقلىرىمنىڭ سېتىلىشىدىن غەم قىلمىساممۇ بولىدۇ. ئىلگىرى ياڭاق ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە ياڭاقلارنى كىمگە ۋە قەيەرگە سېتىش كېرەك دېگەن مەسىلە بېشىمنى قاتتۇراتتى. ھازىر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.
      قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياڭاقچىلىقى ئەلى ئۆمەر ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاقچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «ھۆكۈمەت، پەن- تېخنىكا، باشلامچى كارخانا، بازا، دېھقان ئائىلىلىرى» ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياڭاقنى خام ئەشيا قىلىپ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان يەتتە كارخانىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، يىلىغا 40 مىڭ توننا ئەتراپىدا ياڭاق سېتپ چىقاردى. ھازىر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ياڭاقلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ياڭاق مەھسۇلاتىدىن ياڭاق سۈتى، ياڭاق مېيى، ياڭاق ئاقسىل تالقىنى، ياڭاق شاكىلى ئاكتىپ كاربون، ياڭاق كۆك پوستلىق تاننىن قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى 22 خىل مەھسۇلات بار بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە «تولۇق پايدىلىنىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ناھىيە بويىچە ياڭاق پىششىقلاش كارخانىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يېزىلاردىكى 15 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، نامرات نوپۇس ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ياڭاقچىلىق ھازىر شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ھاللىق سەۋىيەگە باشلايدىغان «يېشىل بانكا» بولۇپ قالدى.
     يېقىندا ماناس ناھىيەسىدىكى 20 مىڭ مو يەردىكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن شوخلا كۆچۈرۈپ تىكىش مەزگىلىگە كىردى. ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجۇۋەن بازىرى جاڭجياشۇيمو كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ 600 مو يېرىدىكى شوخلا ئېتىزىغا ئالتە شوخلا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى يېڭىدىن كىرگۈزۈلۈپ، بۇ ئىلگىرىكىدەك دېھقانلار ئۆزلىرى قول سېلىپ كۆچۈرۈپ تىكىشنىڭ ئورنىنى ئالدى. جۈ چېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- بىر دانە شوخلا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى 30 مو يەردىكى شوخلىلارنى كۆچۈرۈپ تىككىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ سۈنئىي كۆچۈرۈپ تىكىشنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر مو يەردە 150 يۈەن تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. بىز يېڭىدىن كىرگۈزگەن بۇ كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىلىرى ئارقىلىق كۈچ تېجەپ قېلىنىپلا قالماي يەنە ئىشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر ئادەم كۈچى تېجەپ قېلىنىش بىلەن بىللە مايسىلار رەتلىك، ئۈنۈش ۋە ئەي بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. ئەمدى كۈزدە ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن بىر ياخشى ئاساس سېلىندى.
      بۇ يىل جۇڭگو ئاشلىق گۇروھى «تۇنخې» پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ماناس شوخلا مەھسۇلاتلىرى تارماق شىركىتى شوخلا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 27 دانە شوخلا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى سېتىۋالدى ھەمدە كارخانا مەبلەغ سېلىش، دېھقانلار بىلەن كارخانا ئورتاق پايدا ئېلىشتەك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى % 84.4 كە يەتتى. بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ زىرائەت ۋە ئاپتاپپەرەس، گازىر تاۋۇزى، شوخلا، قىزىلچا، مۇچتىن ئىبارەت بەش خىل ئۆزگىچە زىرائەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
       ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ھازىر قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاخىتى يېزىسىدىكى 40 نەچچە مىڭ مو يەردىكى ئورگانىك كېۋەزلىكتە، ئېچىتىلغاندىن كېيىنكى مەھەللىۋى ئوغۇت ئاپتوماتلاشقان تېمىتىپ سۇغۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر بىر پاختا مايسىلىرىنىڭ يىلتىز قىسمىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئورگانىك پاختا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولماقتا. قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك «خۇافېڭ» چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئورگانىك پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ سېخىدىكى ئورگانىك پاختىلىق يوتقانلارمۇ كارخانىنىڭ مۇھىم مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى. ھازىر بۇ كارخانا 150 مىڭ پاختىلىق يوتقان ئىشلەپچىقاردى. گەرچە ئورگانىك پاختىلىق يوتقاننىڭ باھاسى ئادەتتىكى يوتقان باھاسىنىڭ ئون ھەسسىگە توغرا كەلسىمۇ، مەھسۇلاتتا يەنىلا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى شۈ خۇ مۇنداق دېدى:- بىز دۆلەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ئورگانىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ راۋاجلىنىپ، ئورگانىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى