قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ، ئەۋلاتلارنى بەختكە ئېرىشتۈرمەكچى بولغان چېن چياۋنيەن

2018-05-27 17:18:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

    چېن چياۋنيەن-- ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ خۈەينىڭ ناھىيەسىدىن. ئۇ چېن دۇشيۇنىڭ 2- ئوغلى بولۇپ، 1902- يىلى تۇغۇلغان. 1919- يىلنىڭ ئاخىرلىرى فرانسىيەگە ئوقۇشقا بارغان. 1922- يىلى ياۋرۇپادا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ياشلار كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياۋرۇپادا ئوقۇۋات ئۇقۇغۇچىلار پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1923- يىلى 4- ئايدا ئۇ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى شەرق ئەمگەكچىلەر كوممۇنىزىم داشۆسىگە ئوقۇشقا بارغان. 1924- يىلى قىشتا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭ رايونلۇق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىمالىي رايون كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1926- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىمالىي رايون كومىتېتى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى تەشكىللەپ، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ ئېلىمىزدىكى جىنايى ھەركەتلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. چېن چياۋنيەن قاتارلىق شىمالىي رايون كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئامما دۈەن چىرۈي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان. دۈشمەنلەر چېن چياۋنيەننىڭ كۆكرىكىگە نەيزە تىقىۋەتكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ، ئۇ ئاممىنىڭ چېكىنىشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلغان.
  بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 1927- يىلى 8- ئاينىڭ 7- كۈنى خەنكۇدا جىددىي يىغىن چاقىرغان. چېن چياۋنيەن يىغىنغا قاتناشقان ھەمدە دادىسى چېن دۇشيۇنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابتا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. شۇ يىلى كۈزدە، ئۇ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ مەخپىي ھالدا زاۋۇت، ئىدارە- ئورگان ۋە مەكتەپ قاتارلق جايلارغا بېرىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى قايتىدىن كۈچەيتكەن.
1928- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ئورگىنى شاڭخەيدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، چېن چياۋنيەن قولغا ئېلىنغان. شۇ يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن چېن چياۋنيەن شاڭخەي لۇڭخۇادا قۇربان بولغان. دۈشمەنلەر ئۇنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىش ئالدىدا، ئۇ تۈرمىدىكى سەپداشلىرىغا «جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ، ئەۋلاتلارنى بەختكە ئېرىشتۈرەيلى!» دېگەن سۆزنى قالدۇرغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى