قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۇرتىنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرگەن ئۆركىندالا ۋە مېڭكۋاتلار

2018-05-27 17:20:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
   موڭغۇل يىگىت ئۈلكۈن دالا شېرىكى مېڭكۇات بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىرلىكتە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۇچۇر تورى تېخنىكىسىنى ۋاسىتە قىلىپ يۇرتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش جەريانىدا توختىمائىي كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك ھاياتىنى ياراتتى.
    ھەر كۈنى ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن چۈشۈشنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل ئۆكتەبىر ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان بىر تۇخۇم سېتىش دۇكىنىنىڭ سودىسى ناھايىتى ئاۋات بولۇپ كېتىدۇ. بۇ، داڭلىق ماركا ياراتقۇچى ئۈلكۈن دالانى ئىختىيارسىز ئويغا سېلىپ قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:- ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، مەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەزى ئاشخانىلاردىكى توخۇ قورۇمىسى بىلەن يۇرتتا بېقىلغان يەرلىك توخۇ ئارقىلىق قۇرۇلغان توخۇ قورۇمىسىنىڭ تەمىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن يەرلىك توخۇ بازىرىغا دېققەت قىلىشقا باشلىدىم. ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىكى چېغىمدا، مەن ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كەلدىم ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن بىر باقمىچىلىىق مەيدانىدا نەچچە يۈز توخۇ باقتىم. بۇ كەچۈرمىشلىرىم بۈگۈنكى نەتىجەمگە تەجرىبە توپلاپ بەردى.    
    2011- يىلى يازدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۈلكۈن دالا مېڭكۇات بىلەن يۇرتى نىلقا ناھىيەسىگە بىرلىكتە قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىدىن 30 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلدى ھەمدە ئۆزلىرى بۇنىڭغا 30 مىڭ يۈەن قوشۇپ بىر پارچە يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، 2 مىڭ دانە چۈجە كىرگۈزۈپ، بىر توخۇ فېرمىسى قۇردى. كۈندۈزى ئۇلار ھەر ئىككى سائەتتە 36 سېلسىيە گرادۇس كېلىدىغان چۈجە بېقىش ئۆيىگە كىرىپ چۈجىلەرگە سۇ ۋە يەم بەرگەندىن باشقا، يېرىم كېچىدە ئورنىدىن قوپۇپ ئۇلارغا يەنە سۇ ۋە يەم بەردى. بۇ ئاجىز چۈجىلەر ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى ئارقىلىق ساغلام چوڭ بولدى. ئۈلكۈن دالا مۇنداق دېدى:- ئىككىنچى يىلى بىز تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە تېخىمۇ تەبىئىي بولغان توخۇ فېرمىسى ئىزدەش ئۈچۈن، كۆلىمى مىڭ مودىن ئاشىدىغان يايلاققا كېلىپ توخۇ باقتۇق. يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سۇ توشۇپ، يەم-خەشەك تەييارلىدۇق. بىر قېتىم بەك ھېرىپ كېتىپ، قان شېكىرىم تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبلىك ھۇشۇمدىن كەتتىم.   
      2016- يىلى ئۈلكۈن دالا نىلقا ناھىيەلىك «كاڭنو» ئېلېكترون سودا ئىشلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇردى. ئۇنىڭ بۇ شىركىتى نىلقا ناھىيەسىدىكى «تورلاشتۇرۇلغان» تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى بولۇپ قالدى. ئۇ بۇ شىركىتىدە يەرلىك تۇخۇمنى ئاساسلىق مەھسۇلات قىلىش بىلەن بىللە يەرلىك توخۇ، تاغ گۈل شىرنىسى، يېمەكلىك ماي، ئۇن قاتارلىق تەبىئىي يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن ساتتى. ئۈلكۈن دالا ھازىر ئۇچۇر تورى تېخنىكىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا ۋە بازاردا سېتىش ئارقىلىق سودىسىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەككىز ئولتۇراق رايونىدا يەرلىك تۇخۇم سېتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، نىلقا ناھىيەسىدىكى 200 تىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچى ئۈچۈن پايدا ياراتتى. ئۈلكۈن دالا مۇنداق دېدى:- مېنىڭچە، ھاياتلىقتا كۆرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل بەخت. بۇ يىل بىز سودا كۆلىمىمىزنى تۆت يېزا- بازارغىچە كېڭەيتىپ، يېزا مۇلازىمەت پونكىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يەنە 100 گە يېقىن دېھقان ئائىلىسى بىلەن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى