قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇمۇل شەھىرى يېزا ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى

2018-05-28 12:43:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، يېزىلاردا 1-،2- ،3- كەسپنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. نۆۋەتتە، قۇمۇل شەھىرى يېزا ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى موللاشتۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرمەكتە.
ياز كېلىشى بىلەن قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسىدىكى رېشىت دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى رېشىت سەلەي ئىلگىرى قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى چارباغ كەنتىدىكى بىر ئاددىي دېھقان ئىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىمىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 ئادەمنى كۈتۈۋالالايدۇ. ھازىر بۇ يەردە جەمئىي 7 ئادەم ئىشلەۋاتىدۇ، ھەر ئايدا ئۇلارغا جەمئىي 20 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى تارقىتىمەن.
دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق كەنت- قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ ئالتۇن كەنتىدە، بىر كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئالتۇن قەدىمىي كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 70 نەچچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكىنى جايلاشقان. سىرتتىن كەلگەن بىر قىسىم ساياھەتچىلەر يول بويىدىكى بىر قاشتېشى دۇكىنىدا قاشتېشىنىڭ باھاسىنى سوراۋاتاتتى. خۇيچېڭ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ياردەمچىسى مىنەۋەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى ۋە قەبرىستانلىقى ئالتۇن كەنتىگە جايلاشقان. ئىلگىرى بۇ كەنتنىڭ مۇھىتى ناچار بولۇپ، كونىراپ كەتكەن ئۆيلەر كەنتنىڭ قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىغا ماس كەلمەي قالغانىدى. بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قۇمۇل شەھىرى نۇقتىلىق ھالدا ئالتۇن قەدىمىي كوچىسىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ سىرتقى تېمى ۋە ھويلا- ئارام، تۇرۇبا، يول قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتتى. ھازىر قەدىمىي كوچىدىكى دۇكان خوجايىنلىرىنىڭ ھەممىسى ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى. ئالتۇن قەدىمى كوچىسى پۈتكەندىن كېيىن بىز بۇ كوچىدا قۇمۇل ۋاڭ يادىكارلىقلىرى سارىيى، دېھقانلار رەسىم كۆرگەزمىخانىسى، قاپاق كۆرگەزمىخانىسى تەسىس قىلدۇق. يەنە نۇرغۇن دېھقان تاللا بازىرى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئاچتى. ئۆزگىچە ساياھەت، يېمەك- ئىچمەك، ياتاق قاتارلىقلار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتتۇق.
قۇمۇلدا ئالتۇن كەنتىگە ئوخشاش بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان كەنتلەر ئاز ئەمەس. بۇ يىل قۇمۇل شەھىرى يەنە «قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خاسلىقى قويۇق، ياشاشقا باب كېلىش تەلىپى بويىچە شەھەر- يېزىلارنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئېۋىرغول رايونىنىڭ قارادۆۋە بازىرى، تىيانشان يېزىسى، باركۆل ناھىيەسىنىڭ كۆلياقا يېزىسى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئاداق يېزىسى قاتارلىق كەنت (بازار)لارنىڭ قاتناش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئالاھىدە مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويىدۇ. گاۋجياخۇ كەنتى مەنزىرە رايونىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، پۇقراۋى ياتاق قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 10 يېزا ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى، 100 يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قۇرۇپ چىقىدۇ. قۇمۇل شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن ۋېنشېڭ مۇنداق دېدى:- يېقىنقى بىر قانچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، شەھەر بويىچە ئۈچ رايون ۋە ناھىيە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەتتە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلدى. تۆت يېزا- كەنت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان يېزا-كەنت بەرپا قىلدى. دېھقان-چارۋىچىلارغا بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن 3500 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىلىپ، ھەر يىلى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى