قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئومۇمىي دائىرىلىك كەسىپ زەنجىرىگە ئىگە بولغان ساياھەتچىلىك ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا تىرىشتى

2018-05-29 11:29:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئومۇمىي دائىرىلىك كەسىپ زەنجىرىگە ئىگە بولغان ساياھەتچىلىك ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا تىرىشتى.
ياز كىرىشى بىلەن، بۇغدا كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان فۇكاڭ شەھىرى جيۇيۈنگەي بازىرىدىكى شاپتۇللۇق باغدا، ساياھەتچى ۋاڭ خەينى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، سەھرا شادلىقىدىن ھوزۇر ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ بۆلجۈرگەن ئۈزۈپ يىدۇق. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بەكمۇ گۈزەل ئىكەن. بەك خۇش بولدۇق.
فۇكاڭ شەھىرى بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت ساياھەتچىلىك ماركىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، تاماق، ياتاق، ساياھەتچىلىك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. مول مەزمۇندىكى ساياھەتچىلىك بايلىقى يەنە نۇرغۇن كارخانىلارنى ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشقا جەلپ قىلدى. بۇلتۇر، شىنجاڭ ۋۇشىن شىنخۇا ئوقەتچىلىك شىركىتى فۇكاڭ شەھىرىگە بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، زامانىۋىلاشقان ئارام ئېلىش شەھەرچىسىدىن بىرنى قۇردى. شىركەتنىڭ پىلانلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل باش نازارەتچىسى ياڭ يەن مۇنداق دېدى: بۇ قۇرۇلۇش-- خەلقئارالىق ئارام ئېلىش رايونىغا بولغان ئىھتىياجنى قاندۇردى. بۇغدا كۆلىدىن ئىبارەت دۇنيا تەبىئىي مىراسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىمىز بار.
مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى جانبۇلاق مەنزىرە رايونىدا قار يېغىپ، بۇ يەرنى تولىمۇ گۈزەل مەنزىرىگە كىرگۈزدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، جانبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى بىر مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۈركۈم گۈلى قار ئىچىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: 5- ئايدا، شىنجاڭدىكى جانبۇلاق مەنزىرە رايونىدا قارنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم.
شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى جاي. سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ زىبىڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك كەسپىنى تۆۋرۈك كەسپكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرۈپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىز «سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك تەرەققىيات پىلانى»نى تۈزۈپ چىقتۇق. ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئارام ئېلىش ساياھەتچىلىكى، ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئۆزگىچىلىكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. ھازىردىن باشلاپ 3 يىل ۋاقىت ئىچىدە، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىك، سانائەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى