قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باي ناھىيە تېرەك بازىرىنىڭ سوغان كەنتىدىكى ئاھالىلەر بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

2018-05-29 11:35:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
باي ناھىيە تېرەك بازىرىنىڭ سوغان كەنتىدىكى ئاھالىلەر بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، شۇ جايدىكى ئوتلاق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.
يېقىندا ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك بازىرى سوغان كەنتىدىكى ئاھالە تۇراخان ئوسماننىڭ دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدا ھەر جايدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى دەرەخ سايىسىدا قەرت ئويناپ كۆڭۈل ئاچسا، بەزىلىرى چىملىقتا سەيلە قىلىشتى، يەنە بەزىلىرى تاغ ئېتىكىدە تاش تېرىشتى. ساياھەتچىلەر مۇنداق دېيىشتى: شىنجاڭ بەك ياخشى ئىكەن، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى خۇددى سۈرەتتىكىدەكلا گۈزەل بولۇپ، بىز بۇ يەرگە جەم بولغانلىقىمىزدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇق.
سوغان كەنتى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، بىر قەدەر چەت يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تۇراخان ئوسمان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنىلاتتۇق، ھازىر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە مەن دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئاچتىم. بۇ يەرگە ھەر كۈنى دېگۈدەك ساياھەتچىلەر كېلىپ تۇرىدۇ، قىلىدىغان كىرىمىممۇ كۆپەيدى، مېنىڭ ھازىر كەلگۈسى تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. بىز ئىلگىرى باققان قوي، توخۇ ۋە كەپتەرلەرنى سېتىپ چىقىرىشتا قىينىلاتتۇق. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت بىزنىڭ كىگىز ئۆيلەرنى سېلىش ۋە دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئېچىشىمىزغا ياردەملەشتى. ھازىر بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بىز باققان قوي، توخۇ ۋە تۇخۇملارنى سېتىۋالىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىممۇ ناھايىتى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن ناھايىتى رازى.بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى باي ناھىيەلىك تارماق بانكىسىنىڭ سوغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بۇ يىلنى سوغان كەنتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يىلى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە كەنتتىكى مىڭ مودىن ئارتۇق نەم يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، نەم يەر ئېكولوگىيىلىك ساياھەتچىلىكىنى ئېچىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى باي ناھىيەلىك تارماق بانكىسىنىڭ سوغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى،1-شۇجىسى ليۇ لىخۇا مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى بىرقەدەر ياخشى بولۇپلا قالماي، تەبىئىي ئوتلاق ئەۋزەللىكىگە ئىگە. بىز مۇشۇنداق ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنىڭ توخۇ، قوي قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سىرتلارغا سېتىشى، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى