قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغۇچە تىز پۈكمىگەن ئىنقىلابىي قۇربان-- ليۇ شاۋنەن

2018-05-29 11:39:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ليۇ شاۋنەن، يەنە بىر ئىسمى ليۇ زىتاڭ، 1903- يىلى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ميەنياڭ ناھىيەسى دەيجياچاڭ بازىرى (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇڭخۇ شەھىرى) دىكى بىر فېئودال پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1924- يىلى، ۋۇخەن جۇڭخۇا داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 1925-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1926- يىلى، ليۇ شاۋنەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى قوزغاپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ميەنياڭ ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ميەنياڭ جەنۇبىي رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ميەنياڭ ناھىيەلىك ۋاقىتلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن- خۇبېي ئۆلكىسى غەربىي رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى قوشۇمچە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ شاۋنەن قاتارلىقلار يەر ئاستى ئىنقىلابىي كۆرىشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان.               
 1927- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ليۇ شاۋنەن قاتارلىقلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇبېي ئۆلكىلىك كومىتېتى ۋە ئېجۇڭ پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە دېھقانلار ئاممىسىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشىنى باشلاپ، دەيجياچاڭ بازىرىدا  «تاۋۇز چاغىنى» قوراللىق قوزغىلىڭىنى قوزغىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ليۇ شاۋنەن جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 16- شىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.   
 1928- يىلى يازدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ 16- شىسى شياڭشى رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن، ليۇ شاۋنەن خۇڭخۇ شەھىرىدە مۇداپىئە ۋە ئالاقە خىزمىتى ئۈچۈن قالغان. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل مىلىتارىستلار پومېشچىك- زومىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تايانچ بازىلاردا غالجىرلىق بىلەن ئۆچ ئېلىپ، ليۇ شاۋنەن قاتارلىقلارنى تۇتقۇچىلارغا مۇكاپات پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، ليۇ شاۋنەن خائىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئېغىر يارىلىنىپ قولغا ئېلىنغان.             
 قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، دۈشمەنلەرنىڭ يۇقىرى مەنسەپ- ئۈستۈن مائاش بىلەن ئۇنى ئازدۇرۇشى ئالدىدىمۇ ليۇ شاۋنەن قىلچە تەۋرەنمەي، ئۇلار بىلەن ئاخىرىغىچە قەتئىي كۆرەش قىلغان. دۈشمەنلەر ئۇنىڭغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز قىيناش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئۇ زوراۋانلىق ئالدىدا قىلچىلىك تەسلىم بولمىغان.         
1928- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، ليۇ شاۋنەن ھەققانىيەت يولىدا مەردانىلىك بىلەن قۇربان بولغان، شۇ چاغدا ئۇ 25 ياشتا ئىدى. ليۇ شاۋنەن پېڭ گوسەي، خې چۇاڭ، تۇ ۋېييۈن، لى دېجېن قاتارلىقلار بىلەن خۇڭخۇ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلامچىلىرى بولغاچقا، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئىزچىل خۇڭخۇدىكى «بەش قەھرىمان» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. 

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى