قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاقاسلىقتىكى يېشىللىق ئەلچىسى

2018-05-29 11:42:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئورمانچىلىق خىزمىتى بىلەن 30 نەچچە يىل شۇغۇللانغان شىنجاڭ بولىن پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش دېرىكتورى جىڭ شىڭگو ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، دەل- دەرەخ ۋە گۈل- گىياھلارغا ھەمراھ بولۇپ، قۇملۇق ۋە قاقاسلىقلاردا يېشىل توساق پەيدا قىلدى.
جىمىسار ناھىيەلىك ئورمان يېتىشتۈرۈش تەجرىبە بازىسىدا، 55 ياشلىق جىڭ شىڭگو خىزمەتچى خادىملارغا جىغان شاخلىرىنى چاتاشتىكى تېخنىكىلىق نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى. سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈلگەن بۇ جىغان كۆچەتلىرى پات ئارىدا بازارغا سېلىناتتى.
1983- يىلى، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن جىڭ شىڭگو جىمىسار ناھىيەلىك ئورمان يېتىشتۈرۈش تەجرىبە بازىسىغا تەقسىم قىلىندى. بۇ يەر-- قۇملىشىش دەرىجىسى ئېغىر بولغان قاقاس جاي بولۇپ، جىڭ شىڭگو خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، تۇپراقلارنى تەكشۈرۈپ، 7 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، 400 مولۇق قارىياغاچ باغچىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەر يىلى جەمئىيەتنى مىڭ كىلوگىرام ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، جىڭ شىڭگو مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتىكى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2000- يىلى، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىركەت تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق. مەن شىركەتتىكى 20 نەچچە پايچىكنى باشلاپ، ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكا شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتىم.
يېڭىدىن قۇرۇلغان ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكا شىركىتىدە خىزمەت قىلىش-- جىڭ شىڭگو ئۈچۈن يېڭى باشلىنىش بولدى. ئۇ شىركەتتىكى خادىملارنى باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە دۆلەت سىرتىدىكى تېخنىكا خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، پەن- تەتقىقات سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. جىڭ شىڭگو مۇنداق دېدى: 19 يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق، شىركىتىمىزنىڭ يەر كۆلىمى ئىلگىرىكى 900 مودىن كۆپىيىپ، ھازىرقى 8 مىڭ موغا يەتتى. قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملىشىشنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بازىسى، شەھەرلەرنى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان كۆچەت- مايسىلارنى يېتىشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ئۆزگىچە گۈل- گىياھ ۋە شىرنىلىك مىۋىلەرنى كۆپەيتىش بازىسى قاتارلىق 6 بازا قۇرۇلدى.
يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق، بۇ يەردىكى دېھقانلار خېلى كۆپ نەپكە ئېرىشتى. جىڭ شىڭگونىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ يەردىكى نۇرغۇن دېھقان جىغان ئۆستۈرۈشتىكى ھالقىلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، جىغان كۆپەيتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ قالدى. ھەر يىلى كۆپەيتىلگەن جىغان كۆچىتى 4 مىليون تۈپتىن ئاشتى. جىڭ شىڭگو مۇنداق دېدى: بەخت- كۆرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. ئورمانچىلىق خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئىكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىھتىياجىغا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە گۈل- گىياھ ۋە ئۆزگىچە ئورمانچىلىقتىكى يېڭى تۈرلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىكولوگىيەسىگە ماس كېلىدىغان دەرەخ تۈرلىرىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىكولوگىيەسى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى