قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەنگلىيەلىك تەۋەككۈلچىلەر پىيادە مېڭىپ بايقال كۆلىنى كېسىپ ئۆتتى

2018-05-29 16:52:16     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى ئەنگلىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى رۇسىيەنىڭ شەرقىي سىبىرىيەدىكى بايقال كۆلىنى پىيادە كېسىپ ئۆتكەن، بايقال كۆلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قەدىمىي كۆل بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىسى 634 كىلومېتىر كېلىدۇ. 50 ياشلىق فېل ستۇرگېۋن ۋە 32 ياشلىق ئاش لاتېرىن 2016-يىلى نورۋېگىيەدىكى بىر قېتىملىق قار تېيىلىش سەپىرىدە تونۇشۇپ قالغان. بۇلتۇر 10-ئايدا ئاش فېلغا بايقال كۆلىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈش تەكلىپىنى قويغان، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىككىيلەن رۇسىيەنىڭ ئىركۇتسكىدىن يولغا چىقىپ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بايقال كۆلىدە پىيادە مېڭىشقا باشلىغان، ئېكسپېدىتسىيە قىلغان 19 كۈن ئىچىدە ئۇلار ھەر كۈنى پەقەت 5000 كالورىيە يېمەكلىك ئىستېمال قىلىپ، نۆلدىن تۆۋەن 35 گىرادۇسلۇق سوغۇقتا پىيادە 10 سائەت ماڭغان. بۇ مەزگىلدە ئۇلار ئۇماچ، شاكىلات، گۆش يېگەن، مۇز پارچىسىنى قاينىتىپ ئىچكەن. بايقال كۆلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1.6 كىلومېتىر بولۇپ، 0.4 مېتىر قېلىنلىقتا مۇز قاتلىمى شارائىتىدا بۇ ئىككىيلەن 80 كىلوگىرام كېلىدىغان ئۈسكۈنە ئارتىلغان چانىنى تارتىپ ماڭغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى