شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇلغارىيە «ئالفا» تەتقىقات ئاپپاراتى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش بۇلغارىيەدىكى ئەڭ مودا مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلانغان.
«ئالفا» تەتقىقات ئاپپاراتى ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈشتە شۇنى بايقىدىكى، 2017-يىلى %66 بۇلغارىيەلىك كەم دېگەندە بىر كىتاب ئوقۇپ باققان بولۇپ، بۇ 2014-يىلىدىكىدىن %6 پوئىنت؛ %46 بۇلغارىيەلىك كەم دېگەندە بىر كىتاب سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ 2014-يىلدىكىدىن %9 پوئىنت ئاشقان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: 2017-يىل، %47 بۇلغارىيەلىك كەم دېگەندە بىر قېتىم مۇزىكا كېچىلىكى ئاڭلىغان، ئۈچتىن بىر قىسىم بۇلغارىيەلىك كەم دېگەندە بىر قېتىم تىياتىرخانىغا بېرىپ ئويۇن كۆرگەن، تۆتتىن بىر قىسىم بۇلغارىيەلىك كەم دېگەندە بىر قېتىم كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرگەن، %32 بۇلغارىيەلىك كەم دېگەندە بىر قېتىم مۇزېينى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان.
چوڭ شەھەرلەردە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان %45 ~%50بۇلغارىيەلىك مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن رازى بولغان. يېزىلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان %40 بۇلغارىيەلىكنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مەدەنىيەت تۇرمۇشى بولمىغان.
بۇلغارىيە ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 7 مىليون 100 مىڭ ئىكەن.
11 يىل، كىروراننى قوغداش ئىرادىسىدىن يانماسلىق |
![]() ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى |
![]() پانۇس تاماشاسى قىلىپ، كاتتا بايرامنى تەبرىكلەش |
![]() چاغاندا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش |
More>> |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2019-12-31 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-15 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-14 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-13 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-12 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى |