قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تولۇقلىما پۇل ۋە ئۆي بېرىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 247 مىڭ 257 ئاھالە ئارزۇسىدىكىدەك يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن

2018-05-29 19:21:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى، تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق مەركىزىي رايونلىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كونا شەھەر (كەپىلىك مەھەللە) رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى شەھەر پىلانلاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلغان. 2016- يىلىدىن بۇيان، سايباغ رايونى، تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق رايون (ناھىيە)لار نۇقتىلىق ئۆزگەرتىلىدىغان 29 تەۋەلىك رايونىنى پىلانلاش، لايىھەلەش ۋە تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىرغىچە، تولۇقلىما پۇل ۋە ئۆي بېرىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 247 مىڭ 257 ئاھالە ئارزۇسىدىكىدەك يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن.
 شيې مىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كوناشەھەر (كەپىلىك مەھەللە) رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى پىلانلاش- لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كۈچەپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كوناشەھەر رايونىنىڭ شەھەر ئىقتىدارى ۋە مۇھىت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى