قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىغا بەخت يارىتىش، ھەقىقىي كۆڭۈل بېرىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش

2018-05-29 19:22:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى جىگدە بۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى مېڭ گېن يېقىندا خىزمەت ئەترىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: قاراڭ! ھازىر كەنتىمىزنىڭ يوللىرى تۈپتۈز، ئېرىق- ئۆستەڭلىرى راۋان، دېھقانلىرىمىزنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپىيىۋاتىدۇ، بۇلار كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۆھپىسى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەقىقەتەن بەك ياخشى، دېدى.
كەنتتە تۇرغان بىرىنچى كۈنى ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن چاغدىكى ھاڭ- تاڭ قېلىشتىن، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى راۋانلاشتۇرۇپ يۆلەش مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىشكىچە بولغان قەتئىيلىككىچە؛ كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىش جەريانىدا، تەرەققىياتتا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە يار- يۆلەك بولۇشقىچە؛ ئوڭغۇل- دوڭغۇل توپا يولدىن 15 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تەكشى كەنت يولى ياساشقىچە؛ بوراندا ئېتىزلار ئاپەتكە ئۇچراشتىن، كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە بولۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە... بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى جىگدە بۇلاق كەنتىگە چۈشكەندىن بۇيان، پۇقرالارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.
خەلق ئۈچۈن يول ياساپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىش.<