قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېقىندا 3 مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ يىغىن چاقىرىپ: يېزا ئىگىلىك كىرېدىت قەرز پۇل كېپىللىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مالىيە جەھەتتىن قوللاشنى ئورۇنلاشتۇردى

2018-05-29 19:32:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى، بانكا- سۇغۇرتا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىشىپ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك كىرېدىت قەرز پۇل كېپىللىك خىزمىتى سىن يىغىنى چاقىردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىك كىرېدىت قەرز پۇل كېپىللىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش-- پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى. مالىيە، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ياردەم مېخانىزمىدىكى يېڭىلىق بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم يول.يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك كىرېدىت قەرز پۇل كېپىللىك سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، سىياسەت رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، كەسىپ كۆلىمى پۇختا قەدەمدە كېڭەيدى، دەسلەپكى ئۈنۈم نامايەن بولۇپ، قولغا كەلگەن نەتىجە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك كىرېدىت قەرز پۇل كېپىللىك خىزمىتىدە ساقلانغان بىر قىسىم بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار ۋە يېزا ئىگىلىك كىرېدىت قەرز پۇل كېپىللىك شىركەتلىرى مەملىكەت بويىچە چاقىرىلغان يېزا ئىگىلىك كىرېدىت قەرز پۇل كېپىللىك خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ماسلىشىپ قوللاشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى؛ يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك ئورنىنى بەلگىلەشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، كېپىللىك خەۋپ- خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك كىرېدىت قەرز پۇل كېپىللىك  خىزمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى