قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك بويىچە ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

2018-05-30 10:28:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئېكولوگىيە ساياھىتى، چېگرا ساياھىتى ۋە ساغلاملىق ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك بويىچە ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ئىلىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپلا قالماي، ساياھەتچىلىك كەسپىنى خەلقنى بېيىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى خەلق تۇرمۇشى كەسپىگە ئايلاندۇردى.
نارات ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك بازىرىدىكى بىر ئائىلىۋى مىھمانخانىدا گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى شې مىيۋىن ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا، ساپ ھاۋا، گۈزەل مەنزىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى:- توردىن بۇ ياشلار مىھمانخانىسىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدۇق. بۇ يەر بەك ياخشىكەن. ئۆيلەر پاكىزە ۋە ئازادە ئىكەن. ئەتتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا، گۈزەل ئوتلاقنى كۆرەلەيدىكەنمىز.
مىھمانخانا خوجايىنى جاڭ شۆپېڭ مۇنداق دېدى:- يۇرتىمىزدا ساياھەتچىلىك روناق تېپىپ، تىجارىتىمىز ياخشىلاندى. بۇ يىل يەنە يېڭىدىن بىر قانچە ئېغىز ئۆي سالدۇق.
ھازىر، ناراتتىكى ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك بازىرى قۇرۇلۇشى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى. نارات ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك بازىرىدا، جاڭ شۆپېڭ قۇرغان بۇ ئائىلىۋى مىھمانخانىغا ئوخشاش باھاسى ئەرزان، مۇلازىمەت سۈپىتى ياخشى  مىھمانخانىدىن 100گە يېقىنى بار. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى-- ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى، ئات مىنىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپلىگەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىككە تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىللە، چېگرا ساياھىتىدىكى سىناق رايونىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى كۈتىۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم- قېتىمغا يەتتى. قورغاستا باجدىن خالىي دۇكان ئاچقان ليۇ خې مۇنداق دېدى:- ھازىر كۈندىلىك سېتىش سوممىمىز 6 خانىغا يېتىۋاتىدۇ. باجدىن خالىي دۇكىنىمىزدىكى ماللارنىڭ تۈرى 2 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا. ھازىر كۈندىلىك سېتىش سوممىمىز ئاساسىي جەھەتتە 400 مىڭ يۈەندىن ئېشىۋاتىدۇ.
ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك بويىچە ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھىسىگە ئاساسەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى سەرخىل ساياھەتچىلىك قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىك ھەمكارلىق رايونى ۋە چېگرا ساياھىتى تەجرىبە رايونى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەتچىلىك مەنزىرە رايونىدىن بىر تۈركۈمنى بەرپا قىلىشقا تىرىشتى. بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈتىۋالغان ساياھەتچى 5 مىليون 500 مىڭ ئادەم- قېتىمدىن كۆپرەككە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.78 ئاشتى. ساياھەتچىلىك كىرىمى 3 مىليارد 998 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.51 ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئىلى خەلقئارالىق ساياھەت جىلغىسى، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك بويىچە ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇڭ ۋىيدۇڭ مۇنداق دېدى:- ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك-- تاشيوللارنى ساياھەت تاشيولىغا ئايلاندۇرۇش، دەريا- ئېقىنلارنى، ئورمانلارنى شۇنداقلا بارلىق جايلارنى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قايسى ساھە- كەسىپلەر ئىلىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى يەنىمۇ تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى