قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىز پۈكمەس كومپارتىيە ئەزاسى-- چيۇ جىنخۈي

2018-05-30 10:37:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1904- يىل 5- ئايدا، چيۇ جىنخۈي جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ خېڭفېڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1925- يىلى نەنچاڭ جياڭۋۇ مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى. 1926- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدى. شۇ يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى جياڭشىغا كىرگەندە، چيۇ جىنخۈي يۇرتى خېڭفېڭغا قايتىپ، ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە پارتىيە تەشكىلاتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلار ھەركىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىنقىلابتا سۇسلىشىش بولدى. 1927- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، فاڭ جىمىن قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە، جياڭشى ئۆلكىسىدىكى رۇڭياڭ، خېڭفېڭ قاتارلىق 5 ناھىيەدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى. چيۇ جىنخۈي خېڭفېڭ ناھىيەسىنىڭ گېيۈەن، چيۇجيا قاتارلىق ئىككى رايونىدىكى ئالاقىلىشىش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.
1928- يىلى 1- ئايدا، فاڭ جىمىن قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى رۇڭخېڭ قوزغىلىڭى پارتلىدى. ئىككى ناھىيەدىكى دېھقانلار ئىنقىلابىي تەشكىلاتلىرى 6 يولغا بۆلۈنۈپ، قوزغىلاڭغا قاتناشتى. چيۇ جىنخۈي 6- لىنىيەنىڭ قوماندانى بولۇپ، دېھقانلار قوغدىنىش ئەترىتىنى باشلاپ، قوزغىلاڭغا قاتناشتى. رۇڭخېڭ قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن دېھقانلار قوغدىنىش ئەترىتى قايتىدىن تەشكىللەندى. چيۇ جىنخۈي-- دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 2- جۈنى 2- شىسى 14- تۈەنى 1- يىڭ 1- لىيەنىنىڭ باشلىقى بولدى.
رۇڭخېڭ قوزغىلىڭى غەلبىلىك بولغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي كۈچلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭغا قاتناشقان قىسىملار رۇڭياڭ ناھىيەسى بىلەن خېڭفېڭ ناھىيەسى تۇتىشىدىغان تاغلىق رايونغا چېكىنىپ باردى. چيۇ جىنخۈي-- فاڭ جىمىن، شاۋ شىپىڭ قاتارلىقلارنىڭ جياڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا ئىنقىلابىي بازا قۇرۇپ، ئاممىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، قوراللىق كۆرەش ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى ھەمدە جىنجىشەن تېشىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ۋە قوماندانلىق قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ بىر لىيەنىنى يوقىتىپ، دۈشمەنلەرنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قاراتقان 1- قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشىنى تارمار قىلدى. دۈشمەنلەرنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە جاپالىق بولغان كۆرەش مۇھىتى ئالدىدا، چيۇ جىنخۈي پارتىزانلار ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلىپ، دېھقانلار ئاممىسىغا تايىنىپ، ئاددىي بولغان قورال- ياراغلار ۋە جانلىق بولۇش ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسەن، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.
1928- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ساتقىنلارنىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن، چيۇ جىنخۈي قولغا ئېلىندى. 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىنقىلابىي قەھرىمان چيۇ جىنخۈي 24 يېشىدا قۇربان بولدى.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى