قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەپچىل قولىغا تايىنىپ بەختىيار تۇرمۇش يارىتىش

2018-05-30 10:43:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسى نۇرباغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇرنىساخان نىياز كىچىكىدىن كېسەل سەۋەبىدىن يېتىلىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، بوي ئىگىزلىكى ئاران بىر مېتىردىن ئاشاتتى. تەقدىرگە تەن بەرمىگەن نۇرنىساخان نىياز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
مۇخبىر نۇرنىساخان نىيازنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، نۇرنىساخان نىياز بورا توقۇش ئۈچۈن، ئوغلى بىلەن قۇمۇش غولىنى چىڭداۋاتقان ئىدى. نۇرنىساخان نىياز ئائىلىسى نامرات ئائىلە. سالامەتلىك سەۋەبى ئۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئائىلىسىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن كۆپ ئويلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى:- سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغانلىقتىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىم يوق. دادامنىڭ بورا توقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە بۇ ئىشمۇ بولىدىكەن، مەنمۇ قىلىپ باقاي، دەپ ئويلىدىم.
تىرىشچان نۇرنىساخان نىياز ناھايىتى تېزلا بورا توقۇش ماھارىتىنى ئىگىلىۋالدى. لېكىن، ئۇ ئۆزى توقۇغان بورىنىڭ بازىرى دېگەندەك ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دادىسىدىن تەلىم ئېلىپ ئۇنى تېخىمۇ ياخشى توقۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئىزدەندى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مەن بورا توقۇشنى يېڭى ئۆگەنگەچكە، توقۇغان بورىلىرىمنىڭ زىچلىقى يېتەرلىك بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەم تار توقۇپ قويۇپتىمەن. بۇنداق بورا پۇختا بولمايدىكەن. مەن دادامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاستا- ئاستا ئىلگىرىلەپ، تەدرىجىي كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىم، كېيىن تىجارىتىم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.
2014- يىلى، نۇرنىساخان نىيازنىڭ ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ بۇ ھۆنەرنى ئوغلى ۋە كېلىنىگە ئۈگەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى توقۇغان بورا كەنت شۇنداقلا ئەتراپتىكى يېزا- بازاردىكى «بازىرى ئىتتىك مال»غا ئايلاندى. بولۇپمۇ جايلار ئەمىن ئۆي سالغاندا، بورا ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى. ئۇ ياز پەسلىدىلا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، نۇرنىساخان نىياز كەنتتە بورا قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى كوپىراتىپقا ئەزا بولۇپ ئورتاق بىيىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىرغىچە كوپىراتىپنىڭ ئەزاسى 56 گە كۆپەيدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ، بەخت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، دېگەن. ئىككى قولىمىزغا تايانساقلا چوقۇم ياخشى كۈنگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.   ھازىر ئەتراپىمدىكى قوشنىلار بىلەن بىللە بورا توقۇۋاتىمەن. كۆپچىلىك، ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىۋاتىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى