قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئۇرۇقچىلىق بازىسىغا ئايلاندى

2018-05-31 17:46:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىشتىكى چوڭ رايون ۋە مۇھىم ئۇرۇقچىلىق بازىسىغا ئايلىنىپ، تاۋار ئۇرۇقلۇق چىگىت، تاۋار قوغۇن- تاۋۇز ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىشتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا، ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىشتا 2- ئورۇنغا ئۆتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئۇرۇقلۇق باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى لەي بۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز سورتى جەمئىي 728 گە، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي سورتى 151 خىلغا، كېۋەز سورتى 295 خىلغا، كۆممىقوناق سورتى 282خىلغا يەتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆپ مىقدارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سورتى ئاساسەن تۆت قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە يېڭىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 2 مىليون 300 مىڭ موغا يېتىپ، يىللىق ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 700 مىليون كىلوگىرام بولدى. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %97 تىن ئېشىپ، ئەلا سورتنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا قوشقان پەن- تېخنىكا تۆھپە نىسبىتى %43 تىن ئاشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى ئىزچىل ياخشى بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزدا كېۋەز، قىزىلچا، كۆممىقوناقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتتى. بۇغداي، مۇچ، سانائەت شوخلىسى قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۈزۈكسىز ئېشىپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سورتىنىڭ تەمىنلەش قۇرۇلمىسى سەرخىللىشىشقا يۈزلەندى. ئاپتونوم رايون بويىچە سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق بۇغداينىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى، كۆممىقوناق، قوغۇن- تاۋۇز قاتارلىق زىرائەتلەرگە سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق ئىشلىتىش نىسبىتى %100 كە يېقىنلىشىپ، ئۇرۇقچىلىق تىرىكى ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى پەللىسىگە ئايلاندى.
لەي بو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇرۇقلۇق يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن باشقا، 450 توننا ئۆپچۆرىسىدىكى قوغۇن- تاۋۇز ئۇرۇقى، 150 مىڭ توننا ئۆپچۆرىسىدىكى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ۋە 90 مىڭ توننا ئۆپچۆرىسىدىكى ئۇرۇقلۇق چىگىت ئىچكىرىنىڭ بازارلىرىدا سېتىلىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون بويىچە يىللىق ئۇرۇقلۇق سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە، ياراتقان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 257 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ھەر يىلى دېھقانلارنىڭ ئۇرۇقچىلىقتىن قىلغان كىرىمى 386 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئۇرۇقچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور گۈللەنمە كەسىپكە ئايلانغان.بىر قاتار نەتىجىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى ئۇرۇقلۇق سورتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بۇرۇنقى نوقۇل پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى سورت يېتىشتۈرۈشكە تايىنىشتىن، كارخانا، پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇرۇقچىلىققا ئالاقىدار ئورۇنلار، تارماقلار مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق كۆلىمى ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزۈكسىز زورايتىپ، بازارنىڭ ئۇرۇقچىلىق بايلىقىنى سەپلەشتىكى رولىنى كۈچەيتكەن. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 30 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئۇرۇقچىلىق كارخانىسى 84 كە يېتىپ، 2000- يىلىدىكىنىڭ 12 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى