قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېرە قونچاق ئويۇنى

2018-05-31 18:07:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تېرە قونچاق ئويۇنى «سايە ئويۇنى» ياكى «چىراق سايىسى ئويۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تېرە ياكى قەغەزدن ياسالغان ئادەم، جانىۋار ۋە نەرسىلەرنىڭ سايىسى چىراغ نۇرى ئارقىلىق پەردىگە چۈشۈرۈلۈپ، ئارتىسنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن ئورۇندىلىدىغان ھەمدە ناخشا ۋە مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىدىغان بىرخىل شىچۈ تىياتىرى. ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا تېرە قونچاق ئويۇنىنى ئورۇندىغاندا تەڭكەش قىلىدىغان ناخشا ۋە مۇزىكىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، تۈرلۈك شەكىللەردىكى تېرە قونچاق ئويۇنلىرى بارلىققا كەلگەن. 2011- يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ تېرە قونچاق ئويۇنى ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
تېرە قونچاق ئويۇنى دۆلىتىمىزدە ناھايىتى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن. قونچاق ئويۇنلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان مۇنداق بىر رىۋايەت بار. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خەن ۋۇدى دەۋرىدە، خەن ۋۇدىنىڭ توقىلى لى فۇرېن كېسەل سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كەتكەن. خەن ۋۇدى ئۇنى ئىنتايىن سېغىنغان. لى شاۋۋېڭ ئىسىملىك بىر كىشى پادىشاھنىڭ ئامراق توقىلىدىن ئايرىلىش ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، دېڭىزدىن خىسلەتلىك تاش تېپىپ كېلىپ، لى خانىمنىڭ ئوبرازىنى تەقلىد قىلىپ ياسىغان، ئاندىن تاشنىڭ سايىسىنى چىراق نۇرى ئارقىلىق پەردىگە چۈشۈرگەن. خەن ۋۇدى پەردىدىكى سايىنىڭ ئۈلۈپ كەتكەن توقىلىغا ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان. مانا بۇ، بەلكىم تېرە قونچاق ئويۇنىنىڭ ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان ئىپتىدائىي شەكلى بولۇشى مۇمكىن.
تېرە قونچاق ئويۇنى- تاماشىبىنلارغا تېرە ياكى قەغەزدىن ياسالغان ئادەم، جانىۋار ۋە نەرسىلەرنىڭ سايىسىنى چىراغ نۇرى ئارقىلىق پەردىگە چۈشۈرۈپ كۆرسىتىپ، بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان بىر خىل تىياتىر شەكلى. تېرە قونچاق ئويۇنىدىكى ئادەم، كۆرۈنۈش ۋە مەنزىرىلەرنى ئادەتتە خەلق سەنئەتكارلىرى قول ھۈنەر قىيمىچىلىق، ئويمىچىلىق ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق قىيىپ، ياساپ چىقىدۇ. ئورۇندالغان ۋاقىتتا، ئارتىستلار ئاق رەڭلىك پەردىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تىياتىردىكى قونچاقلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ناخشىسى ئارقىلىق ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرما ۋە تارىلىق چالغۇلار بىلەن مۇزىكا تەڭكەش قىلىپ، ئۇنى كۈچلۈك يەرلىك پۇراققا ئىگە قىلىدۇ. تېرە قونچاق ئويۇنىدىكى ھەركەت ۋە ناخشىنىڭ ھەممىسى ئارتىستنىڭ ئاغزاكى بايانى ۋە ئۇزاق مۇددەت تىرىشچانلىق بىلەن مەشق قىلىشى ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. ئويۇن قويغان ۋاقىتتا، ئارتىستلار ئادەم سايىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ، ناخشا ۋە مۇزىكا تەڭكەش قىلىدۇ. ئۇستا سەنئەتكارلار بىرلا ۋاقىتتا يەتتە- سەككىز سايە ئادەمنى كونترول قىلالايدۇ. چامباشچىلىق كۆرۈنۈشلىرىدە، سايە ئادەملەر ئوقيا ئاتقان، قىلىچ ئويناتقان، سەكرىگەن، دۇمىلىغان قىززىقارلىق كۆرۈنۈشلەر ئارقا- ئارقىدىن قويۇلىدۇ. نەق مەيداندىكى ناخشا ۋە مۇزىكا ئاھاڭلىرى رېتىملىق ۋە تولىمۇ يېقىملىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن جۇشقۇنلۇق، خۇشاللىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ.
تېرە قونچاق ئويۇنىدا ئات، ھارۋا، ئالۋاستى قاتارلىقلارنىڭ يولدا كېتىۋاتقان، ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان، ئوت پۈركۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەرگە يەنە ئالاھىدە ھەرىكەت بىلەن ئاۋاز قوشۇلۇپ، ۋايىغا يەتكۈزىلىدۇ.
تېرە قونچاق ئويۇنىنىڭ دۆلىتىمىزدە تارقالغان رايونلىرى كەڭ بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان ئېقىملار شەكىللەنگەن. كۆپ ئۇچرايدىغان تېرە قونچاق ئويۇنى تۈرلىرىدىن سىچۇەن تېرە قونچاق ئويۇنى، خۇبېي تېرە قونچاق ئويۇنى، خۇنەن تېرە قونچاق ئويۇنى، بېيجىڭ تېرە قونچاق ئويۇنى، تاڭشەن تېرە قورچاق ئويۇنى، شەندۇڭ تېرە قورچاق ئويۇنى، سەنشى تېرە قورچاق ئويۇنى، چىڭخەي تېرە قونچاق ئويۇنى، نىڭشيا تېرە قونچاق ئويۇنى، شەنشى تېرە قورچاق ئويۇنى، شۇنىڭدەك شىمالىي سىچۈەن تېرە قونچاق ئويۇنى، شەرقىي گەنسۇ تېرە قونچاق ئويۇنى قاتارلىق تېرە قونچاق ئويۇنلىرى بولۇپ، ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەن.
ھەر قايسى جايلارنىڭ تېرە قونچاق ئويۇنىدىكى ناخشا، مۇزىكىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە رىتىمى يەرلىك ئەلنەغمە، خەلق ناخشىلىرى ئاھاڭىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مۇزىكا سىستېمىسىنىڭ جەۋھىرىنى ھاسىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە رەڭدار، مول بولغان تۈرلۈك ئېقىملارنى شەكىللەندۈرگەن. يەنياڭ تېرە قونچاق ئويۇنى، تاڭشەن تېرە قونچاق ئويۇنى، جەنۇبىي خېبېي تېرە قورچاق ئويۇنى، خۇايىڭ ئاھاڭى، شۈەنبەنچياڭ تىياتىرى، لىڭيۈەن تېرە قونچاق ئويۇنى قاتارلىقلار بۇنى دەلىللەپ بېرەلەيدۇ.
مىڭ يىللار مابەينىدە، تېرە قونچاق ئويۇنىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي سەنئەت، ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملىشىپ، نۇرغۇن شانلىق يىللارنى باشتىن كەچۈردى. شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر تېرە قونچاق ئويۇنىدىكى پېرسوناژلارنى تېخىمۇ كامالەتكە يەتكۈزۈپ ۋە تېخىمۇ نەپىس ئويما ھۈنەر- سەنئەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ، تېرە قونچاق ئويۇنىنىڭ بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرغان. 
تېرە قونچاق ئويۇنى چەتئەللەرگىمۇ تارقالغان. دۇنيادىكى داڭلىق شەخسلەر جۇڭگونىڭ تېرە قونچاق ئويۇنىغا يۈكسەك باھا بەرگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تېرە قونچاق ئويۇنى دۆلىتىمىزنىڭ تارىخى ئۇزۇن، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بىر خىل ئەل ئىچى سەنئەت شەكلى. چەت ئەللىكلەر يېقىملىق ھالدا ئۇنى «چىراق سايىسى ئويۇنى» دەپ ئاتايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى