قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى سىجىل ئاشۇردى

2018-05-31 13:13:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش» ئاممىنىڭ كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش- تۇرۇش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئېلىپ بېرىلماقتا.
  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «جىنيىن» يولى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇسرەت ئەزىز تۆت ياشلىق بالىسى بىلەن مەھەللە خادىملىرى تارقىتىۋاتقان يەشىكلىك ساپ سۈتنى ئالدى. نۇسرەت ئەزىز مۇنداق دېدى: ھازىر مەھەللە خادىملىرى ھەر ئايدا يەشىكلىك سۈتنى ئۈچ قېتىم تارقىتىدۇ، ھەر قېتىم تارقىتىلىدىغان بىر يەشىكتە ئون خالتا سۈت بار، بۇ سۈتنى بالام بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. مەھەللە خادىملىرى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بەك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ، بۇ سۈتنى بالاممۇ كۈندە دېگۈدەك ئىچىدۇ. ئەگەر سۈتنى بېرىپ ئېلىۋېلىشقا ۋاقتىمىز چىقمىسا، مەھەللە خادىملىرى ئۆزلىرى ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ بېرىدۇ.
  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ، «بېقىش قۇرۇلۇشى»، «ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى»، «بەخت قۇرۇلۇشى»، «غەمخورلۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش» نى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلدى.
  بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئادەم زىچ توپلاشقان رايونلاردىكى 200 ھاجەتخانىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مۇھىتى پاكىز، رەتلىك ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى بەرپا قىلىدۇ. بېيجىڭ مۇھىت تازىلىقى قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۈي جۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشتە بىز «پەن- تېخنىكىلاشتۇرۇش، ئادىمىيلەشتۈرۈش» لايىھەسى بويىچە ھاجەتخانىلارنىڭ سىرتىدىن ئىچىگىچە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىمىز. بۇ قۇرۇلۇش مۆلچەرىمىزچە 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تاماملىنىدۇ. بىز يەنە ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ لايىھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ ھاۋا- سۇنى ئايلاندۇرۇش، سېسىق پۇراقنى يوقىتىش سىستېمىسىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، سۇ تېجەش نىسبىتىنى %60 كە يەتكۈزىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىچىدىكى ئەر- ئاياللار ھاجەتخانىسى نىسبىتىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئاياللار ھاجەتخانىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىمىز.
  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزۈكسىز ئۆرلىمەكتە. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جىن ۋېن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە مۇشۇنداق پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويىۋاتىدۇ. جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن كۆرەش قىلىش، جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى