قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ياغاچچى

2018-05-31 13:20:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  ماناس ناھىيەسى خۇافېڭ ئۆي جاھازلىرى شەھەرچىسى جيۇتيەن ئۆي جاھازلىرى تۇرمۇش سارىيىنىڭ مەسئۇلى شيې تاۋ ئىزچىل كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، بىر ياغاچچىدىن تەدرىجىي نەچچە ئون مىليون يۈەننىڭ ئىگىسى بولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئايلىنىپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
  بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن شيې تاۋ كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا شاگىرت بولۇپ، ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگەندى. ئۈچ يىل شاگىرت بولۇش داۋامىدا شيې تاۋدا جاپا- مۇشەققەتكە چىدايدىغان، ئېگىلمەس- سۇنماس روھ يېتىلدى. شيې تاۋ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، 17 يېشىدىلا شەرقىي شىمالغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلدى، 20 يېشىدا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ قايتىدىن ئىش باشلىدى. 
  ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭغا كەلگەن چېغىمدا يېنىمدا نەچچە يۈز يۈەنلا بار ئىدى. دەسلەپتە چىلىغان كۆكتات، موما يەپ كۈن ئۆتكۈزدۈم، شۇ چاغلاردا ئۆزۈمگە قاراپ، ئىچىم ئاغرىپ يىغلاپ كېتەتتىم.
  شيې تاۋ شىنجاڭغا كېلىپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۇ جەرياندا ئۇ ئاشخانىمۇ ئاچتى. لېكىن، كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئۇ ئۆي جاھازلىرى بازىرىنىڭ ئىستىقباللىق ئىكەنلىكىنى كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ياغاچچىلىق ھۈنىرىدىن پايدىلىنىپ، ماناس ناھىيەسىدە ياغاچچىلىق دۇكىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى كەچ سائەت ئىككى، ئۈچلەرگىچە ئىشلەيتتىم. ئەينى چاغدا 20 كۋادىرات مېتىرلىق ئۆيدە ئولتۇراتتىم. بۇ ئۆي ھەم مېنىڭ ئىش ئورنۇم ئىدى. كۈندۈزى ياغاچچىلىق قىلسام كەچلىرى بۇ يەردە ئۇخلايتتىم.
  شيې تاۋ ئۆزىنىڭ كىچىك دۇكىنىنىڭ تەدرىجى ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئۆي جاھازلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆي جاھازلىرى سېتىش سودىسى قىلماقچى بولدى. بىراق، ئۇنىڭ بۇ ئويى كەسپداشلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭمۇ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى ئاچقۇم بارلىقىنى ئېيتقىنىمدا كەسىپداشلىرىم سىز بەك كىچىك، ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى ئاچالامسىز؟ زىيان تارتىپ قۇرسىقىڭىزنى باقالمايدىغان بولۇپ قالماڭ، دەپ مېنى مازاق قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى ماڭا زەربە بولدى.
  شۇنداق قىلىپ، شيې تاۋ ئۆزى يىغقان 10 مىڭ يۈەن پۇلى ۋە باشقىلاردىن قەرز ئالغان 10 مىڭ يۈەنگە 30 نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلىق بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى ئاچتى. ئۆي جاھازلىرىنى ياساش، سېتىش، تەشۋىق قىلىش، مال يەتكۈزۈش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆزى يالغۇز قىلدى. ھۆنەرۋەنلىكتىكى ئالاھىدە ماھارىتى ۋە سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى شېي تاۋنىڭ سودىسىنى بارغانسېرى روناق تاپقۇزدى. 2011- يىللىق دۆلەت بايرىمىدا، ئۇنىڭ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك سېتىش سوممىسى 1 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، نۇرغۇن كەسىپداشلىرىنى ھەيران قالدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، شيې تاۋنىڭ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى 6 مىڭ كۇۋادىرات مېتىرغا كېڭەيدى. ئۇ يەنە دۇكىنىغا 30 نەچچە ئىشچى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ: بەختنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، دېگەن. بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشۇم ئۆزەمنىڭ قەدەممۇ- قەدەم تىرىشىشى ئارقىلىق قولغا كەلدى. ھازىر، قۇلۇمدا نەچچە ئون ئىشچى ئىشلەيدۇ. دېمەك، ئۇلار نەچچە ئون ئائىلىنى باقىدۇ. بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن ھەم ئۆزەمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى