قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە

2018-06-01 10:39:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ. ‹بىر بەلباغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك»، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يول ئىقتىسادىدىن تۈگۈن ئىقتىسادىغا قاراپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.  
ھازىر ھەر ھەپتىدە، قەشقەر «يىنخۇاتۇڭ» خەلقئارا مال توشۇش ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تۆتتىن بەشكىچە يۈك ئاپتوموبىلى «جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان» خەلقئارا يولىدا قاتنايدۇ. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى «جۇڭگو-قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان» خەلقئارا يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى ھەمدە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاشيول ترانسپورتى بويىچە تولۇق تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قەشقەر «يىنخۇاتۇڭ» خەلقئارا مال توشۇش ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى يىنلەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى يولنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ئارقىلىق ئىلگىرىكىدەك قىرغىزىستان يۈك ئاپتوموبىلىدا يۈك چۈشۈرۈپ ئۇنى جۇڭگونىڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا توشۇشتەك ھالقا بىكار قىلىنىپ، ۋاقىت ۋە تەننەرخ زور دەرىجىدە تېجەپ قېلىنىدى. ئىلگىرى بۇ تىرانسپورت لىنىيەسى بويىچە يۈك توشۇشتا تەخمىنەن يېرىم ئاي ۋاقىت، ئەڭ تېز دېگەندىمۇ 10 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ بولاتتى، ھازىر بۇ لىنىيە ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۈك توشۇشقا يەتتە كۈندىن سەككىز كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەننەرخمۇ كۆپ تۆۋەنلىدى. ئىلگىرى قىرغىزىستان يۈك ئاپتوموبىلىدا يۈك چۈشۈرۈپ ئۇنى جۇڭگونىڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا توشۇشتا يەنە تاموژنىنى ئايرىش رەسمىيىتى بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى، بىر يۈك ئاپتوموبىلىغا ئاز دېگەندىمۇ مىڭ يۈەن كېتەتتى، ھازىر ئۇدۇل بارىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى تاموژنىنى ئايرىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» سۇپىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى.           
جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تاشيول ترانسپورتى يېڭى كارىدورىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر كارتىنىسى. بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا- غەربىي ئاسىيا خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىدىمۇ مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى. 
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دەۋر تەلىپى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىپلا قالماي، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىچكى تەلىپىگە ئۇيغۇن ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ چېگرادىكى مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى بەرپا قىلىش قەدىمى يەنىمۇ تېزلىتىلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، «ياۋروپانىڭ غەربىدىن جۇڭگونىڭ غەربىگىچە» بولغان تاشيول قورغاس شەھىرىدە تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ تاشيول شەرقتە جۇڭگو ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، غەربتە رۇسىيەنىڭ سانكت پېتېربۇرگ شەھىرىگىچە تۇتىشىپ ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8 مىڭ 445 كىلومېتىر، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ 425 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تاشيولدا قاتناش باشلىغاندىن كېيىن، مىڭ دىن ئارتۇق ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسىنى قورغاس شەھىرىدە جايلىشىشقا جەلىپ قىلدى. قورغاس شەھەرلىك قاتناش ترانسىپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جى جىجيې مۇنداق دېدى: بۇ تاشيولنىڭ ئېچىۋېتىلىشى قورغاس شەھىرىنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. قوش غەرب تاشيولىنىڭ پۈتۈشى ئارقىلىق قورغاسنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 3 مىليون 500 مىڭ توننىغا يەتتى، ليەنيۈنگاڭ-ياۋروپا دېڭىز ترانسپورتى مۇساپىسى ئىلگىرىكى 45 كۈندىن ھازىرقى 10 كۈنگە قىسقارتىلدى، يىللىق ئىقتىساد قىممىتى 460 مىليون ئامرېكا دوللىرىغا يېتىپ، قورغاس شەھىرىنى ياخشى تەرەققىيات سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.       
مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو-ياۋروپا خەلقئارا تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىقى بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ياۋروپا خەلقئارا تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى 1 مىڭ 230 قېتىم قاتنىدى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئىمپورت-ئېكسپورت كارخانىسى بىلەن مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلارنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. تىجارەت مەسئۇلى شىنجاڭ شىنتىيې خەلىقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز ماللارنى بۇ يەردە توپلاپ، يىغىلىش مەركىزىنى سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى، سودا مەركىزى ئارقىلىق ئۈچىنچى كەسپنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. كېيىنكى قەدەمدە بىز دۆلەت ئايرىمىسى، بېكەت، تۈر بويىچە توپلاش ئېلىپ بېرىپ، يول ئىقتىسادىنى يول ئىقتىسادى بىلەن تۈگۈن ئىقتىسادىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىمىز.      
ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى جاۋ گې مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تاموژنا ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى ۋە سودا ئوبوروت مەركىزى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ھازىر ئۈرۈمچى تاموژنىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە ترانسپورت مەركىزىدە ئىچكى-تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىچكى-تاشقى سودا ماللىرىنى چوڭ يىغىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.   تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى