قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىزىل ئارمىيەدىكى ئىقتىدارلىق گېنىرال ۋاڭ ئېرجو

2018-06-01 11:14:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ ئېرجو، 1903- يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىمىن ناھىيەسىدىن. 1920- يىلى، چاڭشادىكى ئۆلكىلىك سانائەت مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىگە قاتناشقان. 1924- يىلى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى كۈزدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1926- يىلى، خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 3- شىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، شەرقىي لىنىيەدىكى ئالدىن يۈرەر قىسىمنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان ھەمدە شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن يەنە خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 3- شىسى 26- تۈەنىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان. 1927- يىلى، خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 4- جۈنى 25- شىسى 74- تۈەنىنىڭ ئىشتاب باشلىقى بولغان. شۇ يىل 8- ئايدا، ئۇ بۇ تۈەننىڭ پېلىموتچىلار ليەنىنى باشلاپ، نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭدىن كېيىن، 74- تۈەننىڭ باشلىقى بولۇپ، قىسىمغا ئەگىشىپ، گۇاڭدۇڭغا بارغان. 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان قىسىمدىن قالغانلارنى قايتىدىن تەشكىللەپ، بۇ قىسىمغا ئىشتاب باشلىقى بولغان ھەمدە جۇ دې، چېن يىلار بىلەن بىرلىكتە قىسىمنى باشلاپ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا جەڭ قىلغان.
1928- يىلى 4- ئايدا، جۇ دې ۋە ماۋ زېدۇڭ قوماندانلىقىدىكى قىسىم جىڭگاڭشەندە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ۋاڭ ئېرجو جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 4- جۈنىنىڭ ئىشتاب باشلىقى قوشۇمچە 28- تۈەننىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ماۋ زېدۇڭ ۋە جۇ دېغا ياردەملىشىپ، جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 4- جۈنىنىڭ جەڭدە غەلبە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 2-، 3-، 4- قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىشى»نى بىتچىت قىلغان. ۋاڭ ئېرجو 28- تۈەننى باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي بازىسىنى قوغداش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. 1928- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۇ جياڭشى ئۆلكىسىدە خائىنلارنى قوغلاپ كېتىۋاتقاندا، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بولغان. شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئەمدىلا 25 ياشتا ئىدى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى