قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى جىرېن كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي يەنە يۇرتداشلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىدى

2018-06-01 11:16:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بىر كالا باققۇچىدىن سۈتچىلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورىغا ئايلانغان لى جىرېن كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي يەنە يۇرتداشلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىدى. 
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «فۇرېنيۈەن» سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قېتىق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدە، بۇ شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى لى جىرېن سۈتلەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە ئىدى، ئۇ ھازىر كەسپتىمۇ ناھايىتى پىشىپ يېتىلگەنىدى. لى جىرېن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كالا بېقىش جەريانىدا سېغىن كالىدىن بىر كۈندە 20 نەچچە كىلوگرام سۈت سېغىپ، بىر ئايدا 400 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە كىرىم قىلاتتىم، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سېغىن كالا بېقىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشقان ئىدى. ناھىيەرىمىزدە ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان سېغىن كالىلارنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ مەن بۇ سېغىن كالىدىن 15 نى سېتىۋالدىم. ئۇ چاغلاردا بىر يىلدا ھەتتا 70 مىڭ يۈەندىن 80 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايتتىم.  
كالا بېقىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن لى جىرېن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى بارا-بارا كېڭەيتىپ، شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ كالا باققۇچى بولۇپ قالدى. ئۇ كىشىلەرگە راستچىل ۋە سەمىمىي مۇئامىلە قىلغاچقا، ئۇ باققان كالىلارنىڭ سۈتى سېتىۋالغۇچى كارخانىلارنىڭ تۇنجى تاللىشىغا ئايلاندى. 2007-يىلى، لى جىرېن «سۈت ئىقتىساد جەمئىيىتى» نى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، ئەتراپىدىكى باقمىچىلارنى بۇ جەمئىيەتكە ئەزا قىلىپ، كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن تۈرلۈك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىپ، سۈتنىڭ سۈپىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدىم. بىز باققان كالىلارنىڭ سۈتى باشتىن-ئاخىرى ياخشى سېتىلىپ كەلدى. سۈتنى سېتىۋالىدىغانلار دەسلەپكى ئون نەچچىدىن ئاخىرىدا 700 دىن كۆپرەككە يەتتى.      
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتەكلەپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە فۇخەي ئۆلكىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۈت مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ سۈتچىلىك كەسپىنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. لى جىرېن 2015-يىلى سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇردى، ئۇنىڭ شىركتى ئىشلەپچىقارغان قېتىق، پىشلاق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ناھىيە، شەھەرلەرگىچە سېتىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋر كۆرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى دېدى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ زىممەمدىكى مەسئۇلىيىتىم ناھايىتى ئېغىر، سۈتچىلىك زاۋۇتىمىز پەقەت ماڭا پايدا يارىتىپلا قالماي يەنە بۇ يەردىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىم بولسا سۈت مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ تۈرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ئەتراپتىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش.

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى