قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان-- شاڭخەي دېسنىي باغچىسى بىلەن شياڭگاڭ دېسنىي باغچىسى

2018-06-01 18:39:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دېسنىي باغچىسى چوڭلاردىن تارتىپ كىچىكلەرگىچە ھەممە ياقتۇرىدىغان، خۇشاللىق، ئۆزگىچىلىك، شادلىققا تولغان باغچە. سىز بۇ يەردە دەۋر ھالقىپ سىزگە ئەڭ تونۇش بولغان چۆچەك دۇنياسىغا بېرىپ، ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرى بار شەخسلەر بىلەن بىرگە ئوينىيالايسىز، بۇ زېمىندىكى سىرلىق ئۆڭكۈر، ئاجايىپ- غارايىپ كىچىك ئۆي، خىيالىي قەلئەلەر سىزنى ئوراپ تۇرىدۇ. دېسنى باغچىسىغا كىرگەن بارلىق كىشىلەر ئۆزىنى ئەڭ خۇشال بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. 
بىزگە ئەڭ تونۇش، ئارىلىقى نىسبەتەن ئەڭ يېقىن بولغىنى شياڭگاڭ بىلەن شاڭخەيدىكى دىسنې باغچىسى. لېكىن، سىز ئۇلارنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلەمسىز؟
شاڭخەي دېسنىي باغچىسى دۆلىتىمىز ئىچكى قۇرۇقلۇقىدا تۇنجى قۇرۇلغان دېسنىي باغچىسى. بۇ باغچىنىڭ كۆلىمى 380 گېكتار كىلىدىغان بولۇپ، 2016- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. ئۇ دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىرىنچى، ئاسىيادىكى ئۈچىنچى، دۇنيادىكى ئالتىنچى چوڭ دېسنىي باغچىسى. شادلىق باغچىسىدا ئالتە چوڭ ئاساسىي تېمىلىق باغچە رايونى، ئىككى مېھمانساراي، بىر مېترو بېكىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەردە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇلغان نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى، ئېسىل نەق مەيدان ئويۇنلىرى ۋە ھەر خىل ئاجايىپ ھېس- تۇيغۇلارغا ئىگە ئويۇنلارمۇ بار. ھەر قانداق ياشتىكىلەر بۇ يەردە خۇشال ئوينىيالايدۇ.
شياڭگاڭ دېسنىي باغچىسى شياڭگاڭ يىڭى رايونىدىكى دايۈشەن تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 126 گېكتار كېلىدۇ، 2005- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. يەر شارى بويىچە 5-، ئاسىيا بويىچە 2-، جۇڭگودىكى تۇنجى دېسنىي باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. باغچە-- ئامېرىكا كوچىسى، ئېكسپېدىتسىيە دۇنياسى، خىيالىي دۇنيا، كەلگۈسى دۇنيا، ئويۇنچۇقلار ماكانى، كۈلرەڭ ئېيىق تاغ جىلغىسى ۋە سىرلىق قورۇق قاتارلىق يەتتە ئاساسىي تېما رايونىغا بۆلۈنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى، كۈلرەڭ ئېيىق جىلغىسى بىلەن سىرلىق قورۇق دۇنيا بويىچە بىردىنبىر تېما رايونى ھىساپلىنىدۇ. باغچە رايونىدا كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى، يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى، دۇكان ۋە كىچىك يېمەكلىك بوتكىلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، شادلىق باغچىسىدا ھەر كۈنى كەچتە سەييارە ئويۇن قۇيۇش ۋە ساليۇت ئېتىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ ئىككى دېسنىي باغچىسىدا كەلگۈسى دۇنيا تېمىسىدىكى رايون بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. دېسنىي باغچىسىنى ساياھەت قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئادەتتە بىر كۈندىن بىر يېرىم كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر دېسنىي باغچىسىنى ئويناپ باققانلار يەنە بىرسىگە بارغاندا، قاراتمىلىقى بار ھالدا ئويناپ باقمىغان باشقا تۈرلەر ۋە رايونلارنى تاللىسا، ئويۇن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە ۋاقىتنى تىجىگىلى بولىدۇ.
بۇ ئىككى دېسنىي باغچىسىدا ئويناشقا ئەرزىگۈدەك قانداق تۈرلەر بار؟ ئەمدى بۇ ھەقتە ئازراق توختىلايلى.
  شياڭگاڭ دېسنىي باغچىسىدا تۆۋەندىكىدەك تۈرلەر ئوينىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ:
  1. ئالەم بوشلۇقىدىن ھالقىش تۈرى: بۇ شياڭگاڭ دېسنىي باغچىسى ئىچىدىكى ھاياجانلاندۇرش تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك تۈر بولۇپ، زال ئىچى ئايلانما پويىزى   بىلەن ئالەمگە سەپەر قىلىسىز. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار خۇددى سىزنى ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈدىۇ، تۇيۇقسىزلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، يەرگە شۇڭغۇغانقى ھېس تۇيغۇلار ۋە سۈرەت تۇيغۇسى ئادەمنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالىدۇ. ئەمما، بۇ تۈردە بەزىدە رېمونت قىلىش مەزگىلىگە توغرا كېلىپ قالسىڭىز بۇ تۈرنى ئوينىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۇنى ئوينىغانلار ئۆزىنى ئىنتايىن تەلەيلىك دەپ قارىسا بولىدۇ.
  2. «سىرلىق قورۇق» تۈرى:
  «سىرلىق قورۇق» تۈرى دېسنىي باغچىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرى. ساياھەتچىلەر رېلىسسىز پويىزغا ئولتۇرۇپ ۋىكتورىيە سىرلىق مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، راستقا ئوخشىتىپ ياسالغان D4 كارتونلىرى بار، مېھمانلار ئارقا- ئارقىدىن ئوخشىمىغان ئۆيلەرگە كىرىدۇ، كىشىلەر مۇزېينىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدا يېقىن ئارىلىقتىن، مول ۋە قىممەتلىك ساقلانما بويۇملاردىن ھوزۇرلىندۇ.
  3. بېزەكلىك ئاپتوموبىلدا ئايلىنىش:
  گەرچە ئىككى جايدىكى دېسنىي باغچىسىدا بېزەكلىك ئاپتوموبىلدا ئايلىنىش تۈرى بولسىمۇ، لېكىن شياڭگاڭدىكى دېسنى باغچىسىدا ئۆز جاينىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۇرۇلۇپ، ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى گۇاڭدۇڭ تىلىدا ئېيتىلغان. بۇ تۈر «ئامېرىكا كوچىسى» دىن باشلىنىپ، مەلىكە قەلئەسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا «ئالەم بوشلۇقىدىن ھالقىش» تۈرىدە ئاخىرلىشىدۇ، 100 دىن ئارتۇق كارتون مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا سۈرەتكە تارتىش پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ.
  4. كېچە سەيلىسى بىلەن يۇلتۇز چۈشى ساليۇت ئويۇنى:
  شياڭگاڭ دېسنىي باغچىسىنىڭ كېچە سەيلىسى كۈندۈزدىكى ئويۇنلاردىن قېلىشمايدۇ. ھەر بىر ھەيكەل، سەھنە جابدۇقلىرى ۋە بېزەك ئاپتوموبىللارغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان LED چىراقلىرى ئورنىتىلغان. بۇلاردىكى چەكسىز ئىجادىيەتلەر، كۆرۈش سەزگۈسىدىكى ئاجايىپ ئۈنۈملەر كېچىدىكى باغچە سەيلىسىنىڭ خۇشاللىقىنى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. چەكسىز رومانتىكىلىققا تولغان كېچىدىكى يۇلتۇزلار چۈشى ساليۇت ئويۇنى دېسنىينىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇھىم ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ساليوت يالقۇنى مەلىكە قەلئەسى ئاسمىنىنى يورۇتىدۇ، جانلىق، شوخ مۇزىكىلار ياڭرايدۇ. بۇ ۋاقىتنى سىز ئۇزاققىچە ئۇنتالمايسىز.
 
  شاڭخەي دېسنىي باغچىسىدا تۆۋەندىكىدەك تۈرلەر ئوينىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ:
  1. تېز سۈرەتتە ئايلىنىدىغان ئايلانما پويىز:
  دۇنيادىكى دېسنىي باغچىلىرى ئىچىدە سۈرىتى ئەڭ تېز ئايلانما پويىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈردە ۋېلىسىپىت مىنىش شەكلى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىلغان. سىز بۇ تۈردە شەھەر ئىچىدە بەرپا قىلىنغان مەۋھۇم بوشلۇق بىلەن زال سىرتتىكى رېئال دۇنيادا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تېز سۈرەتتە ئۇچقاندەك ھېس قىلىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچتە بۇ تۈرگە قاتناشسىڭىز كۆرۈش سېزىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ پۈتۈن شاڭخەي دېسنىي باغچىسىدا ئويناشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان تۈر ھېسابلىنىدۇ.
  2. «كارىب دېڭىزى قاراقچىسى»- چۆكۈپ كەتكەن كىمىدىن گۆھەر ئىزدەش ئۇرۇشى تۈرى:
  مەيلى سىز «كارىب دېڭىزى قاراقچىسى» نىڭ مەستانىسى بولۇڭ ياكى بولماڭ، بۇ تۈرنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ. بۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىردىنبىر كارىب دېڭىزى قاراقچىلىرى باش تېما قىلىنغان باغچە رايونى بولۇپ، ئۆچرەتتە تۇرغانلارنىڭ كۆپىلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىسىز. راستقا ئوخشىتىپ ياسالغان مەنزىرىلەر ۋە ھەيران قالارلىق كۆرۈش ئۈنۈمى بۇ تۈرنى شاڭخەي دېسنىي باغچىسىدىكى ئەڭ ياخشى تۈرلەرنىڭ بىرگە ئايلاندۇرغان.
  3. ئۇپۇق سىزىقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش تۈرى:
  بۇ، شاڭخەي دېسنىي باغچىسىدا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن تۈرلەرنىڭ بىرى. «ئۇپۇق سىزىقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش» ساياھىتىگە قەدەم قويسىڭىز، سىز خۇددىي قۇشتەك كۆكتە پەرۋاز قىلىسىز. بۇ قېتىمقى سېھىرلىك يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىدە، ئاسماندا پەرۋاز قىلغاندىكى ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىسىز. «ئۇپۇق سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش» تۈرىدە، غايەت زور ئېكراندا پىرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلەر تەقلىدىي دۇنيا ئاسمىنىدىن ھالقىپ ئۆتكەندەك ھېس قىلىدۇ.
 4. لېيمىڭ تېغىدا لەيلەپ ئېقىش تۈرى:
  لېيمىڭ تېغىدا لەيلەپ ئېقىش كىشىنى ھاياجانلاندۇردىغان تۈرلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگەلەيلەپ ئېقىش جەريانىدا پۈتۈن بەدىنىڭىز ھۆل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. سىز بۇ تۈرگە قاتنىشىپ تەۋەككۈلچىلىك ئارىلىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىققاندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىگنال بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاياجانلىق لەيلىمە سال سەپىرى باشلىنىپ، قاراڭغۇ ھاڭغا ئىچكىرىلەپ كىرىسىز، ۋەھشىي ياۋايى ھايۋاناتلار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، جىددىي ئېقىن ئىچىدە ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆرىلىسىز.
شياڭگاڭنىڭ دىسنىي باغچىسى دايۇشەن تېغىدا بولۇپ، مېتروغا ئولتۇرۇپ بارسىڭىز بولىدۇ، ئاپتوموبىل ئالمىشىش سۈرىتىمۇ تېز بولغاچقا، شەھەر مەركىزىدىكى شياڭگاڭ ئارىلىدىن دېسنىي باغچىسىغا بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يېتىپ بارالايسىز. ئەگەر جيۇلۇڭدىن بارماقچى بولسىڭىز، يېرىم سائەتكە قالمايلا بارالايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېسنىي مەخسۇس لىينەسىنىڭ ۋاگونى قىزىقارلىق ئىشلار بىلەن تولغان.
شاڭخەي دېسنىي باغچىسىغا خەلق مەيدانىدىن بېرىشتا، ئاۋال مېترو 2- لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ، ئاندىن 16- لىنىيەسىگە ئالمىشىپ، ئاخىرىدا 11- لىنىيەگە ئالماشسا تەخمىنەن بىر سائەتتە دېسنىي مېترو بېكىتىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بىراق، كۆپ قېتىم ئالمىشىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىكنى مىتور لېنىيەسى بويىدىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ دېسنىي باغچىسىغا ئۇدۇل بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.ئەگەر چوڭراق بالىلارنى دېسنىيغا ئاپارماقچى بولسىڭىز شاڭخەيدىكى دېسنىيغا بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى، بۇ يەردىكى تۈرلەر ناھايىتى مۇكەممەل، قىزىقارلىق، قۇرۇلۇشى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك. ئەگەر كىچىكرەك بالىلارنى ئاپارماقچى بولسىڭىز، شياڭگاڭدىكى دېسنىيغا ئاپرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى، بۇ يەردىكى قۇرۇلۇش پاكار بولغاچقا، بالىلار تېخىمۇ يېقىملىق ھېس قىلىشى مۇمكىن. دېسنىي باغچىسىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار، پۇرسەت بولسا، ھەر ئىككىسىنى ئايلانسىڭىز، تېخىمۇ پۇخادىن چىقىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى