قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

2018-06-02 19:55:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ «ساياھەتچىلىك-- ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستە شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم كەسپ ھىساپلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
5- ئاينىڭ 31- كۈنى، بىر ساياھەت پويىزى تۇرپانغا يېتىپ باردى. جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، يارغول قەدىمىي شەھىرى، بۇيلۇق، كارىز قاتارلىق مەزىرە رايونلىرىغا بېرىپ، گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى، ناخشا- ئۇسسۇللارنى كۆرۈپ تاماشا قىلدى. جياڭسۇ ۋۇشىدىن كەلگەن ساياھەتچى لۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: كارىز سۈيى ناھايىتى سۈزۈك ئىكەن، بۇيلۇقنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن. ساياھەت يېتەكچىسى يارغول قەدىمى شەھىرىنىڭ تارىخىنى ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈردى. تۇرپان-- چوقۇم كېلىشكە ئەرزىيدىغان جاي ئىكەن. گۈزەل شىنجاڭ ھەقىقەتەن ئىسمى- جىسمىغا لايىق ئىكەن.
بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، تۇرپان شەھىرىدە كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 530 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 5- ئايدا كۈتىۋېلىنغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى 22 قېتىمغا، ساياھەتچى سانى 15 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن يىلدا ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 1 مىڭ 652 قېتىمنى ئىشقا سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان 10 مەنزىرە رايونىنى بىر- بىرىگە باغلاشنى پىلانلىدى. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دېرىكتورى جاۋ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» تۆمۈر يول ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەر مەنزىرە رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت يوللىرىنى ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلاش ئارقىلىق، «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش»، «جەنۇبىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» يۈرۈشلۈك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىمىز.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى بېسىق مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار ساياھەتچىلىك بىلەن يېزا- كەنتلەرنى، تۆمۈر يولنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى، تەنتەربىيەنى، سانائەتنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ باشقا كەسپلەر بىلەن چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. ساياھەتچىلىك جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ياز كىرگەندىن بۇيان، 10 مىڭ سەنشىلىكنىڭ فۇكاڭنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتى باشلاندى. بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى سەنشىلىك ساياھەتچىلەرگە قارىتا، ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوللاندى. سەنشىلىك ساياھەتچى جاڭ جيەنيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇغدا كۆلى بەك گۈزەل ئىكەن. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ يەردە كۆرگەنلىرىمنى ئەتراپىمدىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن. كېيىنكى قېتىمدا، ئۆيدىكىلەرنى بىللە ئېلىپ كېلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇردى ھەمدە ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۈرە بازىرىدىكى يانبۇلاق مىللىي ئۆر- ئادەت كەنتى 2015- يىلى «جۇڭگو سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك كەنت» بولۇپ باھالىنىپ، ناخشا- ئۇسسۇل مەيدانى، توخو سوقۇشتۇرۇش ئورنى، نازۇ- نىمەتلەر كوچىسى قۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كەنت ئاھالىسى خالمۇرات ئىمىننىڭ توخو سوقۇشتۇرۇش ئورنى ھەر كۈنى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنى قۇرغىنىمىزغا 3 يىل بولدى. يىلىغا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز.
نۆۋەتتە، قاناس مەنزىرە رايونىدىكى 5 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچى ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا قاتناشماقتا. قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پىلانلاش ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تارقاق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپلا قالماي، چوڭ تىپتىكى ساياھەت ئۆمەكلىرىنىمۇ كۈتىۋالالايدىغان بولدى. مەنزىرە رايونى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۈەن ۋىيلىن مۇنداق دېدى: بىز قاناس مەنزىرە رايونىنى باشلامچى قىلىپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىمىز.
ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ سىجىل ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ساياھەتچىلىك ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سەر خىل لىنىيەلەرنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ئۆزگىچە ماركا يارىتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۈتۈن يىلدا كۈتىۋالىدىغان ساياھەتچى سانىنى %30 ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەيمىز. بولۇپمۇ، 4 جايدىكى «4 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «5 ئا» دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش؛ سەھرا ساياھىتى بولۇپمۇ يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلقنى بېيىتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك جەھەتتە، ساياھەتچىلىك بىلەن باشقا كەسپلەرنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم بېسىشقا تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى