قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇكاڭ شەھىرى «قۇيۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى

2018-06-02 19:57:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
   فۇكاڭ شەھىرى «قۇيۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بالا باققۇچى شەكلىدىكى» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.
فۇكاڭ شەھىرىدىكى سۇتۇڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ھەممىلا يەردە ئۈسكۈنىلەرنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، شىنجاڭ گاڭجى شېڭگاڭ قۇرۇلما چەكلىك شىركىتىنىڭ 2- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش تۈرى ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى دەي ۋېنيى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ماسلاشتۇرۇپ پار بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك پار قازانغا ئوت قالىمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئىلگىرى پەقەت بىر مىليون يۈەنگە ئىناۋەتلىك كېپىل بولغىلى بۇلاتتى. ھازىر بانكىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن يەنە بىزنى ئېتىبار بېرىشلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. ھۆكۈمەت پەقەت قىلىپلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، كارخانىلار تىجارەت يولى ئۈستىدە ئۆزى ئىزدىنىدۇ. بىز جەزمەن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەيمىز.
فۇكاڭ شەھىرى سۇتۇڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى 2015- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پەقەت 58 كارخانا بۇ باغچا رايونىغا ماكانلاشقان ئىدى. 2- يىلى، فۇكاڭ شەھىرى فونكسىيەنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت پىلانلاش، مۇھىت باھالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى مۇستەقىل تىجارەت قىلىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن باغچا رايونى يەنە تەدرىجىي 200 دىن كۆپرەك كارخانىنى جەلپ قىلىپ، باغچا رايونى ئىچىدە ئەشيا ئوبورۇتىغا مەبلەغ خەجلىمەي، كارخانىلار توپلىشىپ تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. سۇتۇڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ما ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: بىز شۇنچە كۆپ كىچىك، مىكرو كارخانىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، نۇرغۇن مەمۇرىي ئىشلارنى ئازايتتۇق. ئۆز ئالدىمىزغا ئىش بىجىرىدىغان بوشلۇقىمىز كۆپەيدى. مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئىلگىرىكىدىن ئازادىلەشتى، قۇرۇلۇش مۇددىتى %30 ئالدىغا سۈرۈلۈپ، قۇرۇلۇش تەننەرخى %30 تېجەپ قېلىندى، ھازىر بەزى كارخانىلارنىڭ پايدا نىسبىتى سۇتۇڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا كېلىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاز دېگەندىمۇ بەش ھەسسە ئاشتى.
پارتىيە19- قۇرۇلتىيىدا، سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىساد سىستىمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا، فۇكاڭ شەھەرلىك قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ تىڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «تىزىملىك تۈزۈمى» دىكى باشقۇرۇشنى يولغا قۇيۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقوقنى قۇيۇۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇلدى. «قۇيۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتى ئارقىلىق، ھۆكۈمەت فونكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەش، كارخانىلار مۇستەقىل تىجارەت قىلىش، ئادەتتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كارخانىلار مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، پەقەت كارخانىلارنىڭ تىجارىتى دۆلەتنىڭ قانۇن- قائىدە، سىياسەتلىرىگە، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن كەلسىلا، ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرىدىن دەل جايىدا ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، كارخانىنى ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
تەرجىمان:ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى