قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق ئۈچۈن ياۋۇزلارنى يوقاتقان ـــ خې جىنجەي

2018-06-02 20:06:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خې جىنجەي، 1901- يىلى تۇغۇلغان، يەنە بىر ئىسمى ۋېن شيۇ. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭجى ناھىيەسىدىن. 1919- يىلى، خې لۇڭ قىسمىغا كىرىپ مۇھاپىزەتچى ئەسكەر بولغان، ئۇ ئۇرۇشتا باتۇر بولغاچقا، ئەسكەرلىكتىن تۈەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن.     
1926- يىلى 5- ئايدا، خې لۇڭ گۇاڭدۇڭ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن قىسىملىرىنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. خې جىنجەي مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 9- جۈن 1- شىنىڭ تۈەنجاڭى، مۇۋەققەت لۈيجاڭى بولغان.  
1927- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش يولىدا خې لۇڭ باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل 15- شىسى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ 20- جۈنى بولۇپ تەشكىللىنىپ، خې لۇڭ جۈنجاڭ، خې جىنجەي مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ 20- جۈنى 1- شىسىنىڭ شىجاڭى بولغان. 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، پۈتۈن ئارمىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقى بويىچە نەنچاڭغا يېتىپ كەلگەن. 8- ئاينىڭ 1- كۈنى سەھەردە خې جىنجەي 1- شىنى باشلاپ ئۇدۇل تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلىگە سالغان «نەنچاڭ قوزغىلىڭى» غا قاتناشقان. قوزغىلاڭدا، خې جىنجەي قىسىمنى باشلاپ دۈشمەنلەرنى تولۇق يوقىتىپ، نەنچاڭ قوزغىلىڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
شۇ يىلى قىشتا، خې جىنجەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقى بويىچە خۇبېي جيەنلىگە بېرىپ، شىشۇ ئەتراپىدا پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەپ، قوراللىق كۆرەشنى قانات يايدۇرغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.  
    1928- يىلى 3- ئايدا خې جىنجەي جۇ يىچۈن، خې لۇڭ قاتارلىقلار بىلەن غەربىي خۇنەن رايونىغا قايتىپ ئىنقىلابىي قوراللىق قوشۇن ۋە تايانچ بازىلارنى بەرپا قىلىپ، قىسىمنى باشلاپ گۇيجۇدىكى مىلىتارىست قىسىملىرىدىن نەچچە يۈز كىشىنى يوقىتىپ، بۇ قىسىمنىڭ شتاب باشلىقىنى تىرىك تۇتقان. شۇ يىلى 7- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى غەربىي خۇنەن ئالدىنقى سەپ كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنڭ 4- جۈنى قۇرۇلغاندا، خې جىنجەي كومىتېت ئەزاسى ۋە شىجاڭ بولغان. قىسىمنى باشلاپ شىمېن، جىنلى، لىجۇدا ئاممىنى يېتەكلەپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان.  
9- ئايدا، شىمېن نىشا بازىرىدىكى ئۇرۇشتا، خې جىنجەي ئاساسىي كۈچلەرنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن،  مۇھاپىزەتچىلەر يىڭى ۋە تاپانچا ليەنىنى يېتەكلەپ باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، مەردانىلارچە قۇربان بولغان، شۇ چاغدا ئۇ 27 ياشتا ئىدى.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى