قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈكتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

2018-06-02 20:09:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈكتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
ھەر كۈنى ئەتتىگەندە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى ئاياغ ئوردا بېغى كەنتىدىكى كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش مەركىزىدىكىلەر ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تېرىقچىلىق ۋە نامرات ئاھالىلارنى بىرلەشتۈرۈش»تەك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىم ئاشۇرۇش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم. بۇ خىزمەتنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت.
بۇ يىل 3- ئايدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروتى لاياقەت گۇۋاھنامىسى ۋە يىمەكلىك ئوبوروتى ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشتى ھەمدە يېزىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرنىڭ يىمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش بويىچە خېرىدار چاقىرىش تۈرىگە قاتنىشىپ، كۆكتات، مېۋە- چېۋە، نان قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى. كەنت ئاھالىسى بۇخەلچەمنىڭ ئەمگەك ماھارىتى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە ئېرى مېيىپ بولغاچقا، ئۆيىدىكى 4 مو يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشتى ھەمدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن. ئاساسىي ئىش ھەققى ئالغاندىن باشقا، يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشەلەيمەن. كىرىمىمىزنىڭ ئاشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەتراپتىكى كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكى ياشلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ئىلھام بەردى. نۆۋەتتە، كەنتتىكى 20 نەچچە كىشى ئەتراپتىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى يەنە نامرات ئاھالىلارنىڭ كەنتتكى ئىگىلىك تىكلەش مەدەنىيەت مەيدانىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى؛ ئاشخانا ئېچىش، دۇكان ئېچىش، تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خەيرۇللا مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، كەنتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىمىز. تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دىگەندىمۇ بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى