قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئامىر سەيپۇللا ئۆزىنىڭ تېز پۈكمەس جاسارىتى بىلەن چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ تىجارىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئەتراپىدىكىلەرنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بىيىش يولىدا ماڭدى

2018-06-02 20:14:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 80- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئامىر سەيپۇللا گەرچە ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدا نۇرغۇن قېيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا يۇلۇققان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ تېز پۈكمەس جاسارىتى بىلەن چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ تىجارىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئەتراپىدىكىلەرنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بىيىش يولىدا ماڭدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ناۋابات چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى بىر يىل ئىچىدىكى تىجارەت باشلاش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار تىجارەت باشلىشى بىلەنلا، بۇ ئارامگاھنىڭ ئىچى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، يەرلىكتىكى مېھمانلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كېلىشتى. بۇ چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىنى تاشقورغان ناھىيەسنىڭ تىزناپ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئامىر سەيپۇللا ئاچقان ئىدى. چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىغا تاجىك مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش پۇرىقى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ساياھەتچىلىك بېسىق مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ناھايىتى كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. 2015- يىلى، ئامىر سەيپۇللا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن قېيىنچىلىقنى باشتىن كۆچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىز ئىنتايىن نامرات ئىدى. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە دادام يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ئوقۇشتىن توختاپ قالدىم. كېيىن، مەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ، ساياھەتچىلىك بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى ئىگىلىك تىكلەش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە ماڭا ھەقسىز كىگىز ئۆي ياساپ بەردى، ئورنى دەيا بويىدا بولغاچقا، توك يوللىرىنى ئورنىتىش سەل قىيىنغا چۈشتى، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەت يەنىلا ماڭا توك ئورنىتىپ بەردى.
ئامىر سەيپۇللا تەن بەرمەيدىغان جاسارىتى، جانلىق تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق ناۋابات چارۋىچىلىق شادلىقى ئارامگاھىنى تاشقورغان ناھىيەسىدە يىراق- يېقىندىكىلەرگە تونۇتتى، ھەر يىلى ساياھەتكە كېلىدىغانلار سانى ئۆزۈكسىز ئېشىپ باردى، يىللىق كىرىمى 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئامىر سەيپۇللا يەنە بىر قېتىم يېڭى سودا پۇرسىتىنى بايقاپ، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ئېگىزلىكتە بېقىلىدىغان ئۆزگىچە قوتازلىرىغا تايىنىپ، باقمچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ مېھمانسارايلار بىلەن كالا- قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇنداق قىلىپ، ئامىر سەيپۇللانىڭ يىللىق كىرىمى 300 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئەتراپىدىكىلەرگە ئاكتىپ ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بىيىشقا يېتەكلىدى. كەنت ئاھالىسى مىرقەدەم دالىك مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولۇپ قالدى. بىر ئايدا 2 مىڭ 500 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن. ئامىر ماڭا بەك كۆيۈنىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋاملىق ئىشلەپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپماقچى بۇلىۋاتىمەن.
ئامىر سەيپۇللا يېقىندا يەنە ناھىيە بازىرىدا بىر ئاشخانا ئېچىپ، تىجارىتىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشنى بىرلىكتە كىرىمنى ئاشۇرۇپ بىيىشقا يېتەكلىمەكچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنىڭ ئەڭ ياخشى تۈۋرۈكۈم بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى بۇ نەتىجىگە ئېرىشتىم. مەن يەنىمۇ تىرىشىپ ھاياتىمنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزىمەن.

تەرجىمان:ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى