قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭرىتايلى

2018-06-02 20:23:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدە ئېلىپ بېرىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قىزىقارلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى، تۇغقانلاشقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى. بۇ، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دەرسخانىغا سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرگەچكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىشى، خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.
«چېڭ مۇئەللىم بىز بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ھازىر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا بولۇپ كەتتۇق»، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۆزى بىلەن تۇغقان بولغان ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى تاراتقۇ شۆيۈەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېڭ يەنرۇڭنى تىلغا ئالغاندا دىلمۇرات قاھار سۆزىنى توختىتالماي قالدى. ئوقۇغۇچىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن، چېڭ يەنرۇڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا دىلمۇرات قاھارلارنىڭ ياتىقىغا كۆچۈپ كىردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوقۇغۇچىلار چېڭ يەنرۇڭدىن مەسلىھەت سورايدىغان بولدى. دىلمۇرات قاھارمۇ چېڭ يەنرۇڭنىڭ ياردىمىدە، ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلەپلا قالماي، يەنە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىدىن بولدى.
بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بەش گۇرۇپپا بولۇپ، قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇدىكى 18 ناھىيە، شەھەرگە بېرىپ، 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىدى. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلسا، يەنە بەزىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بەردى.  ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتكومى ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىشتەك ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى يەنە مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار تۇغقانلىشىش ۋە ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە ئېچىلدۇردى.
ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاڭ تيەنشى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە مەكتەپنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى داۋاملىق ئېچىلدۇرۇپ، مەكتىپىمىزنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان لاياقەتلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىدىغان ھەقىقىي بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى