قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جى چاڭنىڭ ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىنىشى

2018-06-02 21:28:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 فېي ۋېي بولسا ئوقيا ئېتىش ماھىرى ئىكەن. جى چاڭ ئىسىملىك بىر كىشى ئوقيا ئېتىشنى ئۆگەنمەكچى بولۇپ، فېي ۋېينى ئۇستازلىققا تەكلىپ قىپتۇ.
  مەشىق باشلانغاندا فېي ۋېي جى چاڭغا: «ئەگەر سىز ئوقيا ئېتىشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن كۆزۈڭىزنى بىر نۇقتىغا تىكىپ، چىمچىقلاتماي تۇرۇشنى يەنى كۆزۈڭىزنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەشىق قىلىشىڭىز كېرەك» دەپتۇ. جى چاڭ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن شۇ بويىچە مەشىق قىلىشقا باشلاپتۇ. ئايالى رەخت توقۇۋاتقاندا، ئۇ رەخت توقۇش ماشىنىسىنىڭ ئاستىدا يېتىۋېلىپ، موكىنىڭ ھەرىكىتىگە تىكىلىپ قارايدىكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن، چاڭ جىنىڭ كۆز ماھارىتى خېلىلا يېتىلىپ، بىرى ئۇنىڭ قاپىقىغا يىڭنە سانجىسىمۇ، ئۇ كۆزىنى چىمچىقلاتماي تۇرالايدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ.
  ئۇ ئەمدى ئوقيا ئېتىشنى ئۆگەنسەم بولغۇدەك دەپ ئويلاپ، فېي ۋېينىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. فېي ۋېي بولسا: «گەرچە ياخشى مەشىق قىلغان بولساڭىزمۇ، كۆزۈڭىزنىڭ كۈچى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. سىز بىر كىچىك نەرسىگە تىكىلىپ قارىساڭىز، ئۇ يوغان كۆرۈنگىدەك بولغۇچە مەشىق قىلىپ، ئاندىن كەلىڭ» دەپ قايتۇرىۋېتىپتۇ.
  جى چاڭ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن فېي ۋېينىڭ ئېيتقىنى بويىچە مەشىق قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇ بىر تال ئۇزۇن چاچقا، پىتتىن بىرنى باغلاپ، دېرىزىگە ئېسىپ قويۇپتۇ ۋە ھەر كۈنى پىتقا پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىكىلىپ قاراپ مەشىق قىپتۇ. پىت جى چاڭنىڭ كۆزىدە كۈنسىرى يوغىناپ ھەتتا ھارۋا چاقىچىلىك كۆرۈنىدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ.
  بۇنچىلىك چوڭ نەتىجىگە ئېرىشكەن جى چاڭ فېي ۋېينىڭ يېنىغا ئۇچقاندەك يېتىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپتۇ. فېي ۋېي مەمنۇن بولغان ھالدا ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «سىز غەلبە قىلدىڭىز» دەپتۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئوقيانى قانداق ئېتىشنى ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ.   كېيىن، جى چاڭ كامالەتكە يەتكەن ئۇقيا ئېتىش ماھىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى