قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر تال چاچتىكى ئىنسانلار تارىخى

2018-06-03 11:45:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جوۋ فېييا

كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان بىر تال چاچتىن قانچىلىك مەخپىيەتلىكنى بايقىغىلى بولىدۇ؟ كۇرت ستېيىننىڭ «چاچتا ساقلانغان ئىنسانلارنىڭ قىزىقارلىق تارىخى» دېگەن ئەسىرى كۆزۈمنى ئېچىپ قويدى.
چاچنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن چاچ كېسەللىكلىرىگىچە، ساتراچنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسىدىن جىنايەت ئىلمىي بويىچە دەلىللەشكىچە، چاچ پاسونى ئارقىلىق سىياسىي مەقسەدنى بىلدۈرۈشتىن چاچ چۈشۈرۈش شەكلىدىكى ئۆرۈپ- ئادەتلەرگىچە، چاچ سەنئېتىدىكى مودا ئېقىمدىن چالغۇ ياساش، مۇھىت ئاسراش ساھەسىگىچە، ھەتتا يېمەكلىك سانائېتىگىچە چاچنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم... سىتېيىننىڭ قەلىمىدە چاچ قىممەتلىك ئۇچۇر ئامبىرىغا ئايلانغان. ئۇ نۇرغۇن قىزىقارلىق ھىكايىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگۈرۈش ئىزنالىرىنى نامايەن قىلغان.
سىتېيىن ئىرۇسالىم داشۆسىدە 20 نەچچە يىل پروفىسسور بولغان، ئۇ چاچ تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم. كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئېيتىلغىنىدەك، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ساتراچخانىدىكى بىر قېتىملىق كەچمىشى سەۋەپلىك بارلىققا كەلگەن. ساتراچ ئۇنىڭ كەسپىنى سورىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ چاچ تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ساتراچ: «چاخچاق قىلماڭ ئەپەندىم» دېگەن، سىتېيىن بۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ چاچقا بولغان تونۇشىنىڭ ناھايىتى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، كىتاب يېزىپ چاچقا مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىش قارارىغا كەلگەن.
كىتابنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. بىرىنچى بۆلىكىدە، چاچقا مۇناسىۋەتلىك بىئولوگىيەلىك بىلىملەر تونۇشتۇرىلغان. ھايۋانلارنىڭ مويى ئىسسىقتىن، نەملىكتىن، ئاپتاپتىن، قۇرت- قوڭغۇزلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىقتىدارلارغا ئىگە. ئەجداتلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇ بىر يۈرۈش مۇداپىئە قالقىنىنى تاشلاپ، يالىڭاچلىنىپ قالغان؟ توڭغان ۋاقتىمىزدا سېرىق تۈكلىرىمىز نېمە ئۈچۈن تىك تۇرۇپ كېتىدۇ؟ چاچنىڭ بىر كېچىدىلا ئاقىرىپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟ تاقىرباشلىق قانداق ئىش قاتارلىقلار سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىلگەن.
ئىككىنچى بۆلىكىدە بولسا چاچنىڭ ئىجتىمائى مەدەنىيەتتىكى تەۋەلىك خاراكتىرى بايان قىلىنغان. چاچ مول ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. چاچ پاسونىنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار، قەدىمكى جەمئىيەتتە، ئوخشاش بولمىغان چاچ پاسونى مەدەنىيەتلىك ۋە ياۋايىلىقنى ئايرىيدىغان بەلگە بولغان؛ ھازىرقى زاماندا بولسا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن چاچ پاسونى ئېقىمى بىر ئەۋلات كىشىلىرىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. كۆپلىگەن مەدەنىيەتتە چاچ روھىيەت بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەل ئارىسىدا تارالغان پىرىخونلۇققا ئائىت ھىكايىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىدە چاچ روھىيەتكە تۇتىشىدىغان ۋاستە دىيىلىدۇ، راھىبلار چېچىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق قىسمەن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، ياپونىيەنىڭ شياڭپۇ تەنھەرىكەتچىلىرى چېكىنىش مۇراسىمىدا چېچىنى كەستۈرىدۇ، ھازىرقى زامان ھىندىستان ئاياللىرى چېچىنى ئىلاھى ئىبادەتخانىلارغا تەقدىم قىلىشىدۇ.
ئۈچىنچى بۆلىكىدە بولسا چاچنىڭ تارىخقا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى، كەلگۈسىدىكى تۈرلۈك رولى بايان قىلىنغان. بۇ بۆلەكتە، سىتېيىن نەزەرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ھايۋاناتلار مويلىرىنى تونۇشتۇرغان. قەدىمكى دەۋىردە، شىمالىي ياۋروپا دېڭىز قاراقچىلىرى تېرە- يۇڭ سودىسىغا تايىنىپ، شەرق ۋە غەرپكە سۈرۈلگەن، ئاخىرى كونىستانتىنىپولنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان؛ قۇندۇز مويىدىن ياسالغان باش كىيىمنىڭ مودا بولىشى تېرە- يۇڭ پىششىقلاش ئىشچىلىرىدا زور مىقداردا سىماپتىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنگىلىس تىلىدا «تەلۋە پوسمىچىلار» دىن ئىبارەت سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان؛ قوي يۇڭى سودىسىنىڭ ياۋروپا تارىخى تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى دەلىللەش ھاجەتسىز. ھازىرقى زامانغا كەلگەندە، چاچ «جېڭى» تېخىمۇ كېڭىيىپ، تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ھالقىپ كەتتى.
كىتابنىڭ ھەر بىر بۆلىكى يېزىق بىلەن سۈرەتنى كىرىشتۈرۈش شەكلىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدا ئاپتور قولىدا سىزغان ئاددىي، ئېنىق بولغان تۈزۈلۈش خەرىتىسى، جايلاردىن يىغىۋېلىنغان سۈرەتلەرمۇ بولۇپ، ھەممە ئۇچۇر تېپىلىدۇ. تامچە سۇدىن قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ كىچىككىنە چاچمۇ ئىنسانلارنىڭ بارلىق تارىخىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، بەلكىم يېنىدىڭىزدىكى ئادەتتىكى نەرسىلەرگىمۇ يېڭىچە تونۇشتا بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى