قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا- كەنتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش

2018-06-03 10:32:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار «كەسىپى گۈللەنلەنگەن، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىىدىغان، ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولۇش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئاچماقتا.    
ھازىر دەل كېۋەزنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى. قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى پاختىكار يۇۋ يۇڭ ياپيېشىل كېۋەزلىكىگە قاراپ خۇشاللىققا چۆمدى. بۇ يىل ئۇ 5 مىڭ مو يەردىكى كېۋەزلىكىنى يېڭىدىن قۇرۇلغان قۇتۇبى ناھىيەلىك پاختىچىلىق ئىتتىپاقى كەسىپلەشكەن تىجارەت شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. ئۇ ھازىر پەقەت بۇ 5 مىڭ مو يەردىكى كېۋەزلىكنى ياخشى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولسىلا بولىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئەندىزىسى بويىچە ھەر مو يەردىن يەنە 200 يۈەن تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: تەننەرخنى تېجەش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەر مو يەردىن 200 يۈەن تېجىلىپ قالسا، 5 مىڭ مو يەردىن 1 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. مەن ھازىر پەقەت كېۋەزلىكنى ئوبدان پەرۋىش قىلساملا بولىدۇ.         
قۇتۇبى ناھىيەلىك پاختىچىلىق ئىتتىپاقى كەسىپلەشكەن تىجارەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ شىركەتتىكىلەر قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىككە قارىتا سورتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش، بىر تۇتاش يىغىشنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئۇرۇقلۇقچىلىق، پاختىچىلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئىشلەش، ئوبوروت قىلىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك قاتارلىق پاختىچىلىق كەسپىي زەنجىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پاختىچىلىق كەسپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى.     
يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈزەل بولۇش- بولماسلىقى دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك. يېقىندا بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدىكى 69 ياشلىق ۋاڭ فېڭليەن 230 كۇۋادىرات مېتىرلىق داچىغا كۆچۈپ كىرىپ، باشقا ئۈچ ئائىلىلىك دېھقان بىلەن كەنتتىكى تۇنجى تۈركۈمدە داچىدا ئولتۇرىدىغان كەنت ئاھالىسى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتۇق. دۆلەتنىڭ خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش تولۇقلىمىسى 38 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، كەنتتىكىلەر كوللېكتىپ كىرىمدىن ھەر بىر ئائىلىگە يەنە 30 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى. توك بىلەن ئىسسىتىش، ھويلا تېمى، يېڭى دەرۋازا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈرىگە ئائىت تولۇقلىمىسىدىن كەلگەن. بىز ئىلگىرى داچىلاردا ئولتۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق. ھازىر بىزمۇ  شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش داچىلاردا ئولتۇرالايدىغان بولدۇق. مەن كۆچۈپ كىرگەن بۇ داچا 230 كۇۋادرات مېتىر كېلىدۇ. مەن ھويلامدا يەنە بىر قىسىم كۆكتاتلارنى تېرىدىم، ھازىر تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.     
ھازىرقى جۇكىن كەنتى پارنىكتا مېۋە- كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق، كېۋەز تېرىشتىن ئىبارەت كەسىپ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن يىللىق ساپ كىرىمى 25 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى. كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكىلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېڭى جۇكىن كەنتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھازىر كەنت مەركىزىدە داچا سالدى ھەمدە مۇشۇ ئايدا يەنە 19 ئائىلىلىك دېھقاننى بۇ داچىلارغا كۆچۈرۈشنى پىلانلىدى. كەنت كەنتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، توكلۇق ئاپتوموبىل زەرەتلەش ئورنى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ باردى.      
يېقىندا، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىدىكى «داشى دېھقانلار كىنوخانىسى» دا «چۈش باشلانغان جاي» ناملىق فىلىم قويۇلدى. 200 كۇۋادرات مېتىرلىق بۇ كىنوخانا كىنو كۆرگۈچىلەر بىلەن لىق تولدى. ھازىر ھەپتە ئاخىرىدا كىنو كۆرۈش دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. بۇ كەنتتىكى ئوقۇغۇچى گۈلباھار مۇنداق دېدى: ھازىر ھەپتە ئاخىرىدا مەكتەپ بىزنى كىنو كۆرگىلى ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، «دېڭىز قاراقچىلىرى ھەرىكىتى»، «مېنىڭ دۆلىتىم قالتىس» قاتارلىق فىلىملەر، يەنە بىر قىسىم كارتون فىلىملىرىنىمۇ بەك قىزىقىپ كۆردۇق.  
لوپنور ناھىيەسىدىكى كىنو قويغۇچى مەمەت ھوشۇر كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسى بىلەن بىللە يېزا- كەنتلەرگە بېرىپ كىنو قوياتتى. 39 يىللىق كىنو قويۇش جەريانىدا ئۇ كىنو بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇ داشى كەنتىدىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن 180 نەچچە مەيدان ھەقسىز كىنو قويۇپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارغا يەنە داۋاملىق كىنو قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمى ئېشىش بىلەن بىللە يەنە تۇرمۇشىنىڭ خۇشال- خۇرام ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىمەن. نۇرغۇن دېھقان كىنو كۆرگىلى كېلىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ جەھەتتە داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز. دېھقانلارنى بېيىتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنىمۇ بېيىتىش كېرەك.

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى