قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتاي شەھىرى 10 مىڭ مو يەرگە  كاناپ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

2018-06-03 10:36:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئالتاي «قىزىل كاناپ» چەكلىك شىركىتى ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئالاقاق يېزىسىدىكى چۆللۈكتە قىزىل كاناپ تېرىدى. ھازىر 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى قىزىل كاناپ بۇرۇنقى چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى.
ئالتاي شەھىرىنىڭ ئالاقاق يېزىسىدىكى قىزىل كاناپ بازىسىغا بارغاندا، كۆز يەتكۈسىز قىزىل كاناپزارلىق كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بۇلىدۇ. ئۇ خۇددىي ئېگىز- پەس ئېدىرلىق ئۈستىگە سېلىنغان ياپيېشىل گىلەمگە ئوخشايدۇ. دېھقان- چارۋىچىلار بۇ يەردە قىزىل كاناپنىڭ ئۇچلۇق يوپۇرمىقىنى ئۈزىۋاتاتتى. چارۋىچى سېرجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەيمىز، كۈنىگە 100 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز.
قىزىل كاناپ سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زور ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، قاقاسلىقنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئالتاي «قىزىل كاناپ» چەكلىك شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مېي يەن مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تورلىشىدۇ. ئۇنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش رولى ئىنتايىن ياخشى. ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ يۇقىرى، ئۇنىڭ تەركىبىدە فلاۋون بار، بىز ئۇنىڭدىن چاي ئىشلەپچىقىرىمىز.
قىزىل كاناپتىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك ئۆسۈملۈكنىڭ چۆلدە تۇتۇپ ئاينىشى ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس. زېڭ گو قىزىل كاناپ بازىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى بازىدا كاناپنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئاپتاپتا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغاچقا تېرىلىرى قارىداپ كەتكەن ئىدى. 2009- يىلى قىزىل كاناپ مايسىسىنى يېتىشتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، زېڭ گو 200 دىن ئارتۇق خىزمەتچى ۋە چارۋىچىنى باشلاپ چۆللۈكتە قىزىل كاناپ ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، ھەر بىر تۈپ قىزىل كاناپ تېرىش ئۈچۈن ماشىنا بىلەن ئورەك كولاشقا توغرا كېلەتتى. شىركەت يەنە ئۇنى ئوغۇتلاش ئۈچۈن جىمۇنەي ناھىيەسى بىلەن بورچىن ناھىيەسىدىن قوي قىغى يىغدى. زېڭ گو مۇنداق دېدى: يەرگە قىغ چاچقاندا، بىز ھەممىلا يەرگە چاچمايمىز، بىز ئالدى بىلەن ئۇنى دۈۋىلەپ ئىچىتىمىز، ئاندىن ئۇنى يۇدۇپ يۈرۈپ چاچىمىز، بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن بەك جاپالىق. 
زېڭ گو سۇغىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىشچىلارنى باشلاپ بىرلىكتە ماشىنىلاشقان قۇدۇق كولاپ، تۇرۇبا ياتقۇزۇپ، تامچىلىتىپ سۇغۇرۇشنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يىشىللىققا تولغان قىزىل كاناپلار كۆز يەتكۈسىز چۆللۈكنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزدى. زېڭ گو مۇنداق دېدى: بۇ نەرسىنى ئىلگىرى ھېچكىم تېرىپ باقمىغان، بىزمۇ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگرىلەپ ماڭدۇق. 2009- يىلى مىڭ مودىن كۆپرەك يەرگە تېرىغان بولساقمۇ ئەي بولۇش  نىسبىتى ياخشى بولمىدى. 2011- يىلى ۋە 2012- يىلى نىسبەتەن ياخشى بولدى. بىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئورەكنى چوڭقۇر كولاپ، ئاندىن قىغ چىچىپ، تۇتۇس نىسبىتىنى ئۆستۈردۇق.
ئالتاي «قىزىل كاناپ» چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، كۆپ خىل ھۈنەر- سەنئەت ئارقىلىق ئايرىپ ئېلىنغان قىزىل كاناپنىڭ ئۇچلۇق يوپۇرمىقىدىن چاي ئىشلەپچىقىرلىۋاتاتتى. قىزىل كاناپنىڭ غولىدىن ئېلىنغان تالادىن ئىچ كىيىم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، مەھسۇلاتلار شېنجېن، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى6- ئايدا، قىزىل كاناپ بازىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان گۈل بايرىمى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ئالتاي «قىزىل كاناپ» چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ جىنفېڭ مۇنداق دېدى: كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، قىزىل كاناپنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى ئەسلىدىكى 123 مودىن ھازىرقى 21 مىڭ موغا كېڭەيدى. كەلگۈسىدە يەنە قىزىل كاناپ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىمىز. چۆل- جەزىرىدە كەڭ كۆلەمدە قىزىل كاناپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلدى. بىز تېخىمۇ كۆپ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ قىزىل كاناپ ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ھەم تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۇلارغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى بىۋاستە سېتىۋېلىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان- چارۋىچىلارنى بېيىتىمىز.

تەرجىمان:ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى