قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىنقىلاب يولىدىكى بىر جۈپلەر-- چېن جۆ بىلەن جاۋ يۈنشياۋ

2018-06-03 10:45:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن جۆ، ئەسلىي ئىسمى چېن بىڭشياڭ، 1907- يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لىلىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. چېن جۆ 15 ياشقا كىرگەن يىلى، ئەلا نەتىجە بىلەن لىلىڭ ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. ئىلغار ئىدىيەدىكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ «يېڭى ياشلار» قاتارلىق ئىنقىلابىي ژورناللارنى ئوقۇغان. 1925- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. جاۋ يۈنشياۋ، ئەسلىي ئىسمى جاۋ فېڭپىي. خېبىي ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ ناھىيەسىدىن. 1906- يىلى تۇغۇلغان، 1925- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.
1925- يىلى، جاۋ يۈنشياۋ بىلەن چېن جۆ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىلغار ياشلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن موسكۋادىكى جۇڭسەن داشۆسىگە ئوقۇشقا بارغان. ئوقۇش مەزگىلىدە، ئۇلار ئۆز ئارا تۇنۇشقان، مۇھەببەتلەشكەن، توي قىلغان.
1927- يىلى، جاۋ يۈنشياۋ بىلەن چېن جۆ بىرلىكتە ۋەتەنگە قايتىپ، ئىنقىلابقا قاتناشقان.  شۇ جايدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، چېن جۆ ئەر- ئايال لىلىڭدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۆلكىلىك پارتكوم ئورگىنىغا قايتىپ خىزمەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، چېن جۆ چاڭدېغا بېرىپ، غەربىي خۇنەن ئالاھىدە كومىتېتىنى تەشكىللەشكە ئەۋەتىلگەن. ھامىلدار بولۇپ قالغان جاۋ يۈنشياۋ ئۆلكىلىك پارتكوم ئورگىنىدا قېلىپ، جايلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.
  1928- يىلى 4- ئايدا، خائىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن، چېن جۆ بىلەن جاۋ يۈنشياۋ ئايرىم ھالدا چاڭدې ۋە چاڭشادا قولغا ئېلىنىپ، چاڭشادىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە تۈرمىسىگە قامالغان.
ئەكسىيەتچىل دائىرىلەرنىڭ قىيىن- قىستاقلىرى ئالدىدا، چېن جۆ ئەر- ئايال قەتئىي تىز پۈكمىگەن. كۆپ قېتىملىق سوت نەتىجىسىز بولغانلىقتىن، ئەكسىيەتچىل دائىرىلەر «توپىلاڭ قوزغاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن، چېن جۆ ئەر- ئايالغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
قۇربان بولۇش ئالدىدا، چېن جۆ ئايالىغا جۇدالىق خېتى يېزىپ، «كىمنىڭ ئاتا- ئانىسى، كىمنىڭ پەرزەنتى، كىمنىڭ سۆيگۈنى يوق. بىز پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاتا- ئانىسى، خوتۇن- بالىلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بارلىقىمىزنى ئاتىدۇق. شۇنداق بولغانىكەن، ئۆلۈپ كەتسەكمۇ ئارمىنىمىز يوق» دېگەن سۆزلەرنى قالدۇرغان. 1928- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى، چېن جۆ چاڭشادا قۇربان بولغان.
4ئايدىن كېيىن، جاۋ يۈنشياۋ تۈرمىدە بوشانغان ھەمدە قىزىغا قاراڭغۇ زۈلمەت ئىچىدە يورۇقلۇققا ئىنتىلىش مەنىسىدە «چىمىڭ» دەپ ئىسىم قويغان. قىزىنى تۇغۇپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، جاۋ يۈنشياۋ قىزى بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان. ئۇ قىزىغا يازغان ۋەسىيەتنامىگە «جىنىم بالام، سىزگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئاتا- ئانىڭىز كومپارتىيە ئەزاسى. سىزنى بېقىپ قاتارغا قوشالمايدىغان بولدۇم. چوڭ بولغاندىن كېيىن، تىرىشىپ ئوقۇشىڭىزنى، شۇنداقلا ئاتا- ئانىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقىنى بىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازغان. 1929- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، جاۋ يۈنشياۋ قىزىنى ئاخىرقى قېتىم ئىمىتىپ بولغاندىن كېيىن، جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلغان. جاۋ يۈنشياۋ قۇربان بولغان ۋاقتىدا، ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەنىدى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى