قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىككى ئەۋلات كىشىلەرنىڭ مىللەتلەر مۇھەببىتى

2018-06-03 11:47:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يىن خەنيىن

گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چۇڭچىڭدىكى تىنچلىق سۆھبىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، دادام يىن شۇشى جۇ ئىنلەيگە ئازاد رايونغا بېرىش ئارزۇسىنى ئېيتىپتۇ. چى يەنمىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 1946- يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، دادام چۇڭچىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭغا بېرىپتۇ ھەمدە ھەربىي ئىشلار ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى خادىملارنىڭ قوغدىشىدا، گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ بادالىڭدىكى قامال لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ، شەنشى- خېبىي- چاخار ئازاد رايونىدىكى جاڭجياكۇغا يېتىپ بېرىپ، شىمالىي جۇڭگو بىرلەشمە داشۆسى ئەدەبىيات- سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ گۈزەل سەنئەت فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولدۇپ ئىشلەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، گومىنداڭ ئارمىيەسى جاڭجياكۇغا قىستاپ كەپتۇ. شىمالىي جۇڭگو بىرلەشمە داشۆسى شەرقىي شىمالغا كۆچۈپتۇ. دادام شىمالىي جۇڭگو بىرلەشمە داشۆسى بىلەن بىرلىكتە كۆچمەستىن، ئەمدىلا قۇرۇلغان ئىچكى موڭغۇل ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپتۇ.
 
  ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكى لىندۇڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم شۆيۈەنىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئادەم سانى يەنىمۇ كۆپۈيۈپتۇ. جۇۋ گې ئۆمەك باشلىقى، جاڭ فۇفەن ۋە بۇخې مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولۇپتۇ. ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكىدە، ۋۇ شياۋباڭ، جيا زوگۇاڭ، جاڭ شاۋكې، ۋىي بو، ئۇئىن، مېنخىباتۇر قاتارلىق بىر تۈرلۈك سەنئەتكارلار بولۇپ، خەنزۇ، موڭغۇل، داغۇر، ئېلىنچۈن، ئېۋىنكې، خۈيزۇ، مانجۇ، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان چوڭ ئائىلە ھىساپلىنىدىكەن. جەنۇبىي جۇڭگودا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دادامنىڭ كۆز يەتكۈسىز يايلاقتا تۇنجى قېتىم ئات مىنىشى ئىكەن. يايلاقتا چېپىپ يۈرگەن ئاتلارنى كۆرگەن دادامنىڭ ئىچكى موڭغۇل يايلىقىغا بولغان مۇھەببىتى يەنىمۇ ئېشىپتۇ. يايلاقتا ئۇيۇن قويۇش جەريانىدا، دادام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەشۋىقات رەسىملىرىنى شۇنىڭدەك چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلاپ بېرىدىغان نۇرغۇن رەسىملەرنى سىزىپتۇ. ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكى گۈزەل سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىدە، دادام موڭغۇل مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يىغىشقا ئەھمىيەت بىرىپتۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق، موڭغۇل مىللىتى شۇنداقلا موڭغۇل ئېتى توغرىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر تۇنۇشقا ئىگە بولۇپتۇ.
 
  1947- يىلى 3- ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكى ئۇلانخوتقا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇلەنفۇ باشچىلىقىدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونومىيە ھەركىتى باش ئىتتىپاقى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلارمۇ بۇ يەرگە يېتىپ كەپتۇ. 4- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئىچكى موڭغۇل خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاۋامنىڭ تەققازالىق بىلەن كۈتۈشلىرى ئىچىدە ئېچىلىپتۇ. يىغىننىڭ غەلبىىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە، دادام چوڭ ھەجىملىك رەسىمدىن بىرنى سىزىپ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپتۇ. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپتۇ.
 
  شۇنىڭدىن باشلاپ، دادام ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «ئىچكى موڭغۇل گېزىتى» دە مۇھەررىر بولۇپتۇ؛ «ئىچكى موڭغۇل سۈرەتلىك ژورنىلى» نى تەسىس قىلىپتۇ ھەمدە باش مۇھەررىرى بولۇپتۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دادام يەنە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپتۇ. 1957- يىلى بېيجىڭغا يۆتكەلگىچە بولغان ئارلىقتا، دادام ئىچكى موڭغۇلدا توپتوغرا 11 يىل خىزمەت ئىشلەپتۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، ھەر قېتىم ئىچكى موڭغۇلدىكى ئىشلار تىلغا ئېلىنغاندا، دادامنىڭ چېھرىدە ئىپتىخارلىق جىلۋىلىنەتتى. شۇنداق، ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكەن شۇ كۈنلەردە، دادامنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىنلا يۇرتىدىن ئايرىلغان دادام ئۇرۇش يىللىرىنى غەربىي جەنۇبىي قىسىمدىكى جايلاردا ئۆتكۈزگەنىدى. ئازاد رايونغا يەنى ئىچكى موڭغۇل يايلىقىغا كەلگەندىن كېيىن، دادام نىسبەتەن مۇقىم بولغان رەسىم سىزىش مۇھىتىغا ئېرىشكەن بولدى. كۆز يەتكۈسىز يايلاقلار، موڭغۇل چارۋىچىلار ۋە كۈچلۈك كەلگەن موڭغۇل ئاتلىرى دادامنىڭ قەلبىگە زور ئىلھام بەخش ئەتكەن ھەمدە ئىجادىيەت يۈلىنىشىنى قايتا بېكىتىشىگە تۈرتكە بولغان.
 
  ئىچكى موڭغۇلدا تۇرغان كۈنلەردە، دادام چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرىگە بېرىپ، نۇرغۇن رەسىملەرنى سىزغان. بۇ مەزگىلدە، دادام موڭغۇل ئېتىنى ياخشى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن، مالدوختۇرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئاتقا دائىر بىلىملەرنى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭ تۈرلۈك قىياپىتى ۋە ياشاش ئادىتىنى ئىگىلىگەن، ئات توغرىسىدا نۇرغۇن تېز سىزمىلارنى سىزىپ چىققان. مۇشۇ ئاساستا، دادام سۇ بوياق رەسىمى ئارقىلىق، موڭغۇل ئېتىنىڭ يېڭىچە ئوبرازىنى نامايان قىلغان. 1953- يىلى 8- ئايدا، دادام چوڭ تىپتىكى سۇ بوياق رەسىم «شىۋىرغان» نى سىزىپ چىققان. رەسىمدە، 100 دىن ئارتۇق موڭغۇل ئېتىنىڭ بىر موڭغۇل چارۋىچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قار- شىۋىرغانلىق كۈندە يايلاقتا چېپىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەردە موڭغۇل ئېتىنىڭ قەيسەرلىكى، موڭغۇل چارۋىچىنىڭ جاسارىتى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ رەسىم كۆرگەزمە قىلىنغاندىن كېيىن، موڭغۇل ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن.
 
  ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، دادام ئۆزى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىپلا قالماي، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر تۈركۈم گۈزەل سەنئەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. بېيجىڭدا بارغاندىن كېيىنمۇ، ئىچكى موڭغۇلدىن ئۆيىمىزگە كېلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى، دادام ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالاتتى. دادام ئىچكى موڭغۇل ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكىدىن كەلگەن دوستلارنى كۆرسە، بەكمۇ خۇش بولاتتى. ئۇلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەرنى ئەسلىشەتتى. خوشلاشقاندا بولسا، دادام ئۇلارغا ئۆزى سىزغان رەسىملەرنى سوۋغا قىلاتتى.
 
  1978- يىلى كۈزدە، ئىچكى موڭغۇلدىن ئايرىلغىنىغا 20 يىل بولغان دادام يايلاققا قايتتى. جاپا- مۇشەقەتلىك شۇ يىللاردا، تۈرلۈك كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دادام ئوڭچىل قالپىقى ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، سەپەر ئازابىغا قارىماي، يايلاققا ئاتلاندى. ئۇ ئۆزىگە تۇنۇش يايلاقلار، ئاتلار، چارۋىچىلارنى كۆرۈپ، كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇ قەلبىدىكى كۈچلۈك سېغىنىشنى باسالمىغان ھالدا، ئەينى يىللاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتتى. يايلاققا بېرىپ، ئاتلارنى كۆردى. كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، چارۋىچىلار بىلەن مۇڭداشتى، رەسىم سىزدى.
 
  مەن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، دادام مەن بىلەن ئۇزاق پاراڭلىشىپ، خىزمەت داۋامىدا ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتداشلىرىمنى ھۆرمەتلىشىم، ئۇلاردىن كۆپرەك مەسلىھەت سورىشىم، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتىنى تېزدىن پىششىق ئىگىلىشىم، ھەر مىللەتتىن بولغان يازغۇچىلار بىلەن دوست بولۇشۇمنى ئېيتتى. شۇ ۋاقىتتا، دادام تەسىرلىك قىلىپ، «بىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇھەببىتىمىز ناھايىتى چوڭقۇر. مەن ئىچكى موڭغۇلدا 11 يىل خىزمەت قىلدىم. ئاپاڭ بولسا، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنى پۈتتۈرۈپ، مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى» دېدى.
 
  دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىققىنى يوق. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى خىزمىتى بىلەن 38 يىل شۇغۇللاندىم. مىللەتلەر ئەدەبىياتى خىزمىتى ئارقىلىق، دادامنىڭ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھىس قىلىپ يەتتىم؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ جەرياندا، مەندە ھەممىدىن بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، بىر يىلى مەن ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمىغا باردىم. بارغان جايلىرىمىز دادام ئەينى يىلى ئىچكى موڭغۇل ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ ئۇيۇن قويغان يولنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. يايلاقتىكى يىراققا سوزۇلغان شۇ يوللارنى بويلاپ مېڭىپ، دادامنىڭ ئىزىنى ئىزدىمەكچى بولدۇم.
 
  ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىل-- مەن ئۈچۈن پەخىرلىنىشكە شۇنداقلا قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان 30 نەچچە يىل بولدى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق، باشقىلار ئېرىشەلمەيدىغان تەسىراتلارغا ئېرىشتىم، ھايات پەلسەپەسىنى ھىس قىلدىم. دالياڭشەندىكى مەشئەل بايرىمى، ئۇيغۇر ناخشىچىلارنىڭ كىشىنىڭ قەلب تارىنى تىترىتىدىغان ناخشىلىرى... بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى. تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى شۇكى، ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا، مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى؛ جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك جەريانلارنى؛ جۇڭخۇا مىللىتىگە ئورتاق بولغان مەنىۋى ئىزدىنىشنى ھىس قىلىپ يەتتىم. جۇڭخۇا ئېلىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن ۋە بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى غايەت زور ماگنىت مەيدانى-- جۇڭخۇا مىللىتىنى ئويغىتىپلا قالماي، يېڭى تارىخىي جەرياندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولدى. 

  ئىككى ئەۋلات كىشىلەرنىڭ مىللەتلەر مۇھەببىتىنى ئەسلەپ ئۆتكەندە، ئاتا- ئانامدىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈمنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، شاھىدى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى