قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىشتىكى قۇياش، بالىلىق چاغلار ۋە كارۋان

2018-06-03 11:49:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 كارۋانلار كېلىپ ئىشىكىمىز ئالدىدا توختايتتى. ئۇلار ئۇزۇن سەپ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈك- تاق ئارتىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ھاۋا قۇرغاق ھەم سوغۇق ئىدى. تۆگىنى يىتىلەپ ماڭغۇچى بېشىدىكى مالخىيىنى ئېلىۋەتكىنىدە، بېشىدىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلەتتى.
  دادام بولسا ئۇنىڭ بىلەن باھادا كېلىشەتتى. قوش لوككىلىق تۆگىنىڭ ھەر بىرىگە ئىككى تاغاردىن كۆمۈر ئارتىلاتتى. تۆگىنى يىتىلەپ ماڭغۇچى ئۇلارنىڭ باش ئېرىقتىن بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن مىڭبىر جاپادا مېڭىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. دادام ئۇنىڭ بىلەن باھادا كېلىشكەندىن كېيىن، ئۇ ئادەم كۆمۈرنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە چۆپ سېلىپ بېرەتتى. مەن بولسام تۆگىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئوت- چۆپلەرنى چاينىشىنى كۈزىتەتتىم. ئۇ كۆرۈمسىز ئۇزۇن چىشلىرى بىلەن ئوت- چۆپلەرنى چاينىغاندا، ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى چىشلىرى گىرەلىشىپ كېتەتتى. بۇرنىدىن ئىسسىق ھور چىقىپ تۇراتتى ۋە ئاپئاق كۆپۈكلەر ساقاللىرىغا چاپلىشىپ قالاتتى، بۇلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىمدا مېنىڭمۇ چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كېتەتتى.
  مۇئەللىم بىزگە تۆگىنىڭ ئېغىر- بېسىقلىقىدىن ئۆگىنىشمىزنى ئېيتقان ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئالدىرماي ئاستا مېڭىپمۇ يەنە مەنزىلىگە يېتىپ باراتتى، ئاستا چايناپمۇ تويغۇدەك يېيەلەيتتى.
  ئادەتتە كارۋانلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بىر قانچىسىنىڭ بوينىغا قوڭغىراق ئېسىپ قويۇلاتتى. مەن بۇنى چۈشىنەلمەي: «نېمىشقا ئۇلارنىڭ بوينىغا قوڭغىراق ئېسىپ قويۇلىدۇ» دەپ سورىغىنىمدا.
  ددام: تۆگە بۆرىدىن ناھايىتى قورقىدۇ. ئۇنىڭ بوينىغا قوڭغىراق ئېسىپ قويۇلسا، بۆرە قوڭغىراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدۇ،- دەپ چۈشەندۈرەتتى. 
  ئەمما، مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدە چوڭلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان خىياللار بار ئىدى. شۇڭا، مەن دادامغا: «ئۇنداق ئەمەس دادا، تۆگىلەر يۇمشاق تاپىنى بىلەن يۇمشاق قۇملۇقتا ماڭغاندا ھېچقانداق ئاۋاز چىقمايدۇ. سىز تۆگىلەر ئۈچ كېچە كۈندۈز سۇ ئىچمىسىمۇ، ئاشقازىنىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆشەش ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلايدۇ دىمىگەنمىدىڭىز. تۆگىنى يىتىلەپ ماڭغۇچى بۇ جىمجىت سەپەردىن زېرىكىپ قالماسلىق، خۇش كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بوينىغا قوڭغىراق ئېسىپ قويغان گەپ» دەيتتىم.
  دادام سۆزىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتەتتى ۋە: «بەلكىم، سىزنىڭ دېگىنىڭىز تېخىمۇ توغرىدۇ» دەيتتى.
  كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە قىش كېتىپ، ئەتىياز كىلىپ، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى يەر جاھاننى ئىللىتىپ، قىشلىق كىيىملىرىمىزنى سېلىۋېتەتتۇق. شۇ ئەمەسمۇ؟ تۆگە جېنىدا تۇتاملاپ تۈك تاشلاپ، كونا تونىنى سېلىۋىتىدىغان تۇرسا، بىز ئەلۋەتتە قىشلىق كىيىملەرنى سېلىپ تاشلايمىزدە. مېنىڭ ئۇنىڭ تۈكلىرىنى بىر قوللۇق قىرقىپ قويغۇم كېلەتتى. چۈنكى، ئۇ  پەقەتلا تەكشى تۈك تاشلىمايتتى. تۆگىنى يىتىلەپ ماڭغۇچىمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارمۇ ئۈستىدىكى قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن چاپانلىرىنى سېلىپ، تۆگىنىڭ لوككىلىرىغا ئېسىپ قوياتتى. قۇرۇق تاغار ئارتىلغان تۆگىنىڭ يېنىك قەدەملىرىدە قوڭغىراقنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ جاراڭلىق ياڭرايتتى. ياز پەسلى يېتىپ كەلگەندە، تۆگىلەرنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرەلمەي ئاپامدىن: «يازدا ئۇلار نەگە كېتىدۇ؟» دەپ سورايتتىم.
  ئاپام: «كىم؟» دەپ سورىسا، «تۆگىلەرچۇ؟» دەيتتىم. ئاپام «دائىم مۇشۇنىلا سورىغان، ھەي بۇ بالىنىزە» دەپ تېرىكىپ كېتەتتى.
  ياز، كۈز پەسىللىرى ئۆتۈپ كېتىپ، قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە كارۋانلار يەنە كېلەتتى. ئەمما، بالىلىقىم قايتىپ كەلمىدى. قىشنىڭ ئىللىق كۈنلىرىدە تۆگىنىڭ يېمەكلىك چاينىشىنى دورايدىغان ئەخمەقلىقنى مانا ئەمدى قىلمايدىغان بولدۇم. ئەمما، بالىلىق چاغلىرىمدىكى بېيجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى شۇ مەنزىرە، شۇ كىشىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم. ئۆز- ئۆزۈمگە: «جەنۇبىي شەھەردىكى كەچمىش» نامىدا بىر پارچە كىتاب يازىمەن، دېدىم.
  مەن ئۈن- تىنسىز ئەسلەش بىلەن كىتابىمنى يازغىنىمدا، قىشنىڭ ئىللىق كۈنلىرىدە كەلگەن كارۋانلارنى قايتا كۆرگەندەك، ئۇنىڭ يېقىملىق قوڭغىراق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولاتتىم. بالىلىقىمدىكى ئىشلار قەلبىمگە ئەنە شۇنداق مەھكەم ئويۇلغان ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى