قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىيچىڭدىكى باھار ھىسلىرى

2018-06-03 11:51:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نىمە ئۈچۈنلىكى نامەلۇم. ئەمما، يۇرتۇم مىيچىڭنىڭ باھار كۈنلىرى ھەر يىلى بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلىتىپ يېتىپ كېلىدۇ. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، مىيچىڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى چوغلۇق گۈللىرى ھېلىھەم پورەكلەپ ئېچىلىپ، خۇشپۇراق چېچىۋاتقانىدى.

مىيچىڭدىكى بارلىق مەۋجۈداتلار ھاياتىي كۈچكە تولغان، قەلبىدىكى ھاياجاننى باسالمايۋاتقانىدى. ئەڭ دەسلەپ ئاڭلىغىنىم، باھار يامغۇرىنىڭ زىمىنغا چۈشكەن ئاۋازى بولدى. دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ، قاچانلاردىندۇ شامالدا ئۇچۇپ كەلگەن ئۇرۇق تاشلارنىڭ ئارلىقىدا بىخ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكىنى ئىپادىلەپ، يىللارغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇزۇن سوزۇلغان كوچىلار، يۇقىرىغا ئۆرلىگەن پەلەمپەيلەر، ئۆيلەرنىڭ ئۈستىدىكى كاھىشلار، كاھىشلار ئارىسىدىكى يېشىل مۇخلار... تولىمۇ گۈزەل. يوللاردىكى كۈنلۈك تۇتىۋالغان قىز- ئاياللار، ئۇلارنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى... تولىمۇ يېقىملىق.

جىمجىتلىققا تولغان يېزا يوللىرىدا، قارلىغاچ-- ئەركىنلىك ئەلچىسى ھىساپلىناتتى. ئۇلار بەزىدە ئۇياقتىن- بۇياققا ئۇچۇشۇپ ئوينايتتى؛ بەزىدە قەدىمىي ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىگە، دەرەخ شاخلىرىغا قۇنىۋېلىپ، جىمجىت تۇرىشاتتى. ھەتتا كونىراپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن تاملارمۇ ئۇلارنىڭ شادلىق باغچىسى ئىدى. لەمپە ئاستىدىكى قارلىغاچ ئۇۋىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ تۇرغان بىر قانچە قارلىغاچ بالىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇلارنىڭ قىياپىتى ماڭا بەكمۇ بىچارە كۆرۈندى. مىيچىڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدىغان قارلىغاچ ئۇۋىسىدىكى ئاشۇ قارلىغاچ بالىلىرى بۇ زىمىنغا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى.

بىر كوچىدىن ئۆتۈۋېدىم، ئۇزۇندىن بۇيان ئاڭلاپ باقمىغان ئەلنەغمە ئاۋازى قۇلۇقۇمغا كىردى. ئەنئەنىۋى ئەلنەغمىلەر ماڭا بالىلىقىمنى ئەسلەتتى.

قۇملۇق ساھىلنى بويلاپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ باردىم. بۇ ۋاقىتتا، قۇياش نۇرى بۇلۇتلار ئارىسىدىن چىقىپ، ماڭا ئالەمچە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. يىراقتىكى كۆپكۆك دېڭىز سۈيى، دېڭىز ئۈستىدىكى بېلىقچىلار پاراخوتى... كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىلەر ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈندى. بۇ ۋاقىتتا، يىراقتىن ئاقلەيلەكنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇلارنىڭ ھالىتى تولىمۇ لەرزەن، تولىمۇ گۈزەل ئىدى. ئانچە يىراق بولمىغان چۆپلۈكتە، بىر قانچە كۈچۈك يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى. دېڭىز قىرغىقىدا ئۆسكەن قۇمۇچلار شامالدا يەلپۈنۈپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

مىيچىڭ، سۈيۈملۈك يۇرتۇم. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن قېپقالغان سېپىل- قورغانلاردىن تارىخ ئىزنالىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، يېڭى دەۋردىكى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ جەڭ سېگنالى ياڭراپ، قەدىمىي شەھەر مىيچىڭ تېخىمۇ گۈزەل قىياپەتكە كىردى.

قەيەرنىڭ باھار مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل؟ دەپ سورىسىڭىز، ئىپتىخارلانغان ھالدا «مىيچىڭنىڭ» دەپ جاۋاپ بېرىمەن ئەلۋەتتە. مىيچىڭنىڭ باھارى-- پورەكلەپ ئېچىلغان چوغلۇق گۈلىگە، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا، بېلىقلارنىڭ پىلتىڭلاپ ئۈزۈشلىرىگە ھەمراھ بولىدۇ.

مانا بۇ-- شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان، قەدىمدە مىيچىڭ دەپ ئاتالغان فۇجيەن ئۆلكىسى چاڭلې ناھىيەسىنىڭ مىيخۇا بازىرى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى