قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش

2018-06-03 10:51:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى يېڭىنۇر كەنتىدىكى ئاھالە رىزۋانگۈل ئۆز قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپلا قالماي، كەنتتىكى ئاچا- سىڭىللىرىنى ئۆزى بىلەن تەڭ بېيىشقا يېتەكلىدى.      
بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن رىزۋانگۈل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن گىلەم توقۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. ئۇ گىلەم توقۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۆيىدە گىلەم توقۇش بىلەن شۇغۇللاندى. ئەمما، شارائىتنىڭ چەكلىمىسى سەۋەپلىك، ئۇ بۇ ئىشنى ھەقىقىي روناق تاپقۇزالمىدى. بۇلتۇر ئۇ كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ گىلەم توقۇش تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەكتەپتە نەزەر دائىرەم تېخىمۇ كېڭىيىپلا قالماي، يەنە گىلەم توقۇشقا ئائىت نۇرغۇن ئۇسۇل ۋە بىلىملەر، كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ نۇشخا لايىھەلەشنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇنىڭ ماڭا بولغان ياردىمى بەك چوڭ بولدى.
بۇ يىل كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، رىزۋانگۈل گىلەم ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپلا قالماي يەنە 25 ئاچا- سىڭىلنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ كوپىراتىپ ئەزاسى ئاجىرە مۇنداق دېدى: ھازىر كوپىراتىپىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، زاكاسمۇ كۆپ. بىز كۈندە ئىشلەش بىلەن ئالدىراش ئۆتىمىز. مەن ھازىر ھەر ئايدا 1 مىڭ 200 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپلا قالماي يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ ياخشى خەۋەر ئالالايمەن. مەن ھازىرقى تۇرمۇشىمدىن ناھايىتى رازى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ تىرىشىپ، چىرايلىق گىلەملەرنى توقۇپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.  رىزۋانگۈل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھازىر گىلەم توقۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 12 يىل بولدى. دەسلەپتىكى ئۆيدە گىلەم توقۇشتىن ھازىرقى سودىسى جانلانغان كوپىراتىپ مەسئۇلىغا ئايلىنىشقىچە بولغان جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى ھەمدە ئۆزۈمنىڭ توختىماي كۆرەش قىلىشى ئارقىلىق كەلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ: بەخت كۆرەش قىلىش ئارقىلىق كېلىدۇ، دېدى. يېڭى دەۋردىكى ئاياللار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ، بىرلىكتە بېيىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ، كىشىلىك قىممىتىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چىرايلىق گىلەملەرنى توقۇپ، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق كۆرەش قىلىپ، بېيىش يولىغا قاراپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەيمىز.

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى